تۈركمەنىستان جۇڭگوغا زور مىقداردا تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلدى

parida 2018-01-08 17:48:37

\

يەرشارى تورى ئاخبارات ئۇنىۋېرسال خەۋىرى: جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو نېفىت گۇرۇھى ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئەلچىنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن، تۈركىمەنىستاننىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلىدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. 12-ئاينىڭ 27-كۈنى تۈركىمەنىستاننىڭ جۇڭگوغا ئېكسپورت قىلغان تەبىئىي گاز مىقدارى يۈز مىليۇن كۇب مېتىرغا يېتىپ، ئالدىنقى مەزگىللەردىكىدىن 30 مىليۇن كۇب مېتىر ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىمەنىستان دۆلەتلىك تەبىئىي گاز شىركىتى تەمىنلەيدىغان تەبىئىي گاز مىقدارى 65 مىليۇن كۇب مېتىرغا يەتكەن.

تۈركىمەنىستان جۇڭگونىڭ تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلىشتىكى 2-چوڭ مەنبەسى بولۇپ، تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، بۇيىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە، تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىنغان تەبىئىي گازنىڭ مىقدارى 22 مىليۇن 831 مىڭغا توننا بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىمەنىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان تەبىئىي گاز مىقدارى 19 مىليۇن 322 مىڭ توننا بولغان، تەخمىنەن %84.6 نى ئېگىلىگەن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.