ۋېنېسۇئېلادا يېمەكلىك ۋە پۇل پاخاللىق كىرىزىسى كۆرۈلدى

parida 2018-01-08 17:16:10

\

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنېسۇئېلا خەلقنىڭ روژدېستۋو بايرىمى ۋە يېڭى يىلى ئىنتايىن غۇربەتچىلىكتە ئۆتكەن بولۇپ، ماددىي-ئەشيا يېتىشمەسلىك نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ۋېنېسۇئېلانىڭ ئەنئەنىسىگە ئاساسەن روژدېستۋو بايرىمى ۋە يېڭى يىلدا ئازىراق قېزا سېتىۋېلىش كېرەك، لېكىن يېمەكلىك كىرىزىسى تۈپەيلىدىن قېزا بىلەن تەمىنلەش تەس بولدى، شۇنىڭ بىلەن ۋېنسېئۇلادا بىر قىسىم كىچىك كۆلەملىك نارازلىق ھەرىكەتلىرى پارتلىدى.

ۋېنېسۇئېلاغا قوشنا دۆلەت كولومبىيە بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ، ئالايىتەن 50 توننا قېزىنى ۋېنېسۇئېلاغا يۆتكەپ، ۋېنېسۇئېلا خەلقنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، يېڭى يىلنى ياخشى ئۆتكۈزىۋېلىشىغا ياردەم قىلدى. كولومبىيە دۆلەتلىك باج ۋە تاموژنا ئىشخانىسى قېزا بېسىلغان ئىككى يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ ۋېنېسۇئېلاغا يېتىپ بارغانلىقىنى، باشقا ئاپتوموبىللارنىڭمۇ ئارقىدىنلا يولغا چىقىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى «ئالاھىدە ئىجازەتنامە» چىقىرىپ، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش، تەكشۈرۈش قاتارلىق مۇرەككەپ رەسمىيەتلەرنى ئاددىيلاشتۇرغانلىقىنى، بۇ قېزىلارنىڭ ۋېنېسۇئېلانىڭ غەربىدىكى بارىناسقا يەتكۈزىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

\

ۋېنېسۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو ئىلگىرى روژدېستۋو بايرىمى ۋە يېڭى يىلدا ھۆكۈمەتنىڭ گۆش تۈرى يېمەكلىكلىرى ياردەم پۇلى تارقىتىشىغا ۋەدە بەرگەن، لېكىن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بۇ ۋەدە ئەمەلگە ئاشماي، بىر قىسىم ئاممىنىڭ كوچىلارغا چىقىپ «قېزا قوزغىلىڭى» دەپ ئاتالغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قوزغىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. لېكىن مادۇرو ئىقتىسادىي زوراۋانلىقنىڭ ھۆكۈمەتكە «ئىقتىسادىي جەڭ» قوزغىغانلىقىنى ئەيىپلىدى ھەمدە ئاممىۋى تېلېۋىزىيە قانىلىدا پورتۇگالىيەنى ئەيىپلەپ، ھۆكۈمەتنىڭ گۆش سېتىۋېلىپ ئىمپورت كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى، لېكىن ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ روژدېستۋو بايرىمىدىن ئىلگىرى مالنى ئۆز ۋاقتىدا يەتكۈزۈپ بېرەلمەي، «قەستەن بۇزغۇنچىلىق» قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

\

پورتۇگالىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىۋا ھازىرقى ئىقتىسادىي بازار تۈزۈمىدە ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقىنى، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا ئايرىۋېتىلگەنلىكىنى، كارخانا بىۋاستە مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلسا، پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ گۆش ئېكىسپورت قىلىشقا تەسىر يەتكۈزۈش ھوقۇقى يوقلىقىنى بىلدۈردى. ۋېنېسۇئېلانىڭ بىر ئەمەلدارى مادۇرو ھۆكۈمىتىگە جازا يۈرگۈزىۋاتقان ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ پورتۇگالىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى.

2014-يىلىدىن ئىلگىرى ۋېنېسۇئېلا يۇقىرى بېفىت باھاسىنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، بىر مەزگىل باي-باياشات كۈنلەرگە ئېرىشكەن، لېكىن 2015-يىلىدىن باشلاپ نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن، ۋېنېسۇئېلانىڭ دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى تۈز سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ، پۇل پاخاللىشىپ، يېمەكلىك ۋە دورا قىسلىق كۆرۈلۈپ، ئىشسىزلىق نىسبىتى زور دەرىجىدە ئۆرلەپ كەتتى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ۋېنېسۇئېلانىڭ پۇل پاخاللىق نىسبىتى 2018-يىلى يەنىمۇ ئۆرلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى.

\

ۋېنېسۇئېلا خەلقى يېمەكلىك سېتىۋېلىشقا ئامالسىز قالدى

كولومبىيە تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، نۇرغۇن ۋېنېسۇئېلالىق قوشنا دۆلەت كولومبىيەگە بېرىپ تىرىكچىلىك قىلىشنى تاللىغان، كولومبىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ۋېنېسۇئېلادىن كەلگەنلەر سانى قىسقىغىچە 6 ئايدا زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئىيۇلدىكى 350 مىڭ ئادەمدىن دېكابىرغا كەلگەندە 550 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋېنېسۇئېلا پۇلى بولىۋار ئۇدا پاخاللىشىپ، 2017-يىلىنىڭ بېشىدا 1 ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قاراڭغۇ بازاردىكى باھاسى ئاران 3100 بولىۋار بولغان بولسا، 2017-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرىدا قىممىتى شىددەت بىلەن چۈشۈپ 84 مىڭ بولىۋارنى 1 ئامېرىكا دوللىرىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان بولۇپ قالغان، ۋېنېسۇئېلادا ھازىر نەق پۇل كىرىزىسىمۇ ئىنتايىن ئېغىرلاشماقتا.

ۋېنېسۇئېلا پۇلى بولىۋار ئۇدا پاخاللاشتى

ۋېنېسۇئېلانىڭ تەتقىقات ئورگىنى Ecoanalitica نىڭ مۆلچەرلىشىچە، مەزكۇر دۆلەتتە مال باھاسى 2016-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن %1430 ئۆسكەن، مېھمانساراي، رېستۇرانلارنىڭ باھاسىمۇ سېنتەبىردىكىگە سېلىشتۇرغاندا %70 ئۆسكەن. ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك بولغىنى شۇكى، 2017-يىلى نويابىرنىڭ ئاخىرى ۋېنېسۇئېلادا يەنە قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، دۇنيادىكى نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە ئانالىز ئورگىنى ۋېنېسۇئېلانىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تاشقى پېرىۋوت ئىگىلىك ھوقۇق ئىشەنچ دەرىجىسىنى SD غا چۈشۈرىۋېتىپ، كەلگۈسى 3 ئاي ئىچىدە ۋېنېسۇئېلادا قەرز كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنىڭ قايتا كۆرۈلۈش نىسبىتى %50 بولىدۇ دەپ قارىغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە نۇر تورىدىن ئېلىندى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.