بۈگۈنكى خەلقئارالىق قىسقا ئۇچۇرلار

parida 2017-10-06 15:55:18

\

شوتلاندىيە مىنىستېرى: ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا مېي ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلسا، ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ ئەسەبىيلىككە يۈزلىنىشى مۇمكىن؛
رۇسيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى: رۇسيە ئېراننىڭ يادرو كېلىشىمى جەھەتتە ھازىرقى ھالىتىنى ساقلىشىنى ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ؛
رۇسيە تەرەپنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، قاتار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ۋاقتىنچە دېڭىز بوغۇزى دۆلەتلىرىدىكى قىسمەن مانېۋىر ھەركىتىنى توختىتىدىكەن؛
گېرمانىيە مالىيە مىنىستېرى: زاكاز پائالىيىتى يۇقىرى نۇقتىدىن يەنىمۇ ئاشتى، ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئېشىش يۆنىلىشى ئىزچىل داۋاملىشىدۇ؛
ياپونىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئائىلە كەيپىياتى پەسىللىك دوكلاتى: ياپونىيەدە ئائىلىلەر بىر يىل ئىچىدە پۇل پاخاللىقى نىسبىتى %2 گە يېتىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا يەنىلا %2 بولىدۇ دەپ قارىدى؛
رۇسيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسيەنىڭ ۋالدىمېر ئوبلاستىدا پويىز بىلەن بىر چوڭ ئاپتوبۇس سوقۇلۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن، ۋەقەدە بىې كىچىك بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 ئادەم قازا قىلغان؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.