جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئېھتىياجى بىرلا ۋاقىتتا تۆۋەنلىدى

parida 2017-08-25 16:26:56

\

نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ھىندىستاننىڭ چېگرا مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۈركىلىشى ئۈزۈلمىدى، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگونىڭ رايونلار ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياجى ۋە قىزىقىشىمۇ بارا-بارا تۆۋەنلىدى. زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلىگەندىن باشقا، كىشىلەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قىممەتلىك مېتاللار بازىرى بولغان جۇڭگونىڭ ئىستىمالچىلار ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىدىن ئەنسىرىمەكتە.
دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن بازىرىنىڭ ئىستىمالى تۆۋەنلىدى، 2013-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگو بازىرىدا ئالتۇنغا بولغان ئېھتىياج تۆۋەنلەشكە باشلىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو ۋە ھىندىستان ئالتۇن بازىرىنىڭ بېسىمى چوڭ، مەبلەغ ئېھتىياجى تۆۋەنلىگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە مىليۇندىن ئوشۇق دېھقاننىڭ ئاپەتكە ئۇچرىغان بولغاچقا، ھىندىستاننىڭ ئالتۇن ئېھتىياجى قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان، 12-ئايغىچە بۇ يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.
يەنە بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى تاۋار ماركىلىرىنىڭ كەلگۈسى مۈجمەل، يەنى تاۋار ماركا سودىگەرلىرى ئېھتىياجنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەھسۇلاتنى توردا سېتىشقا ھەمدە ياش ئىستىمالچىلارنى جەلىپ قىلىشقا باشلىدى. يۇقىرى ساپلىقتىكى ئەنئەنىۋى ئالتۇن بۇيۇملىرى ئوتتۇرا ياش ئاياللارنىڭ تېخىمۇ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى، ياش ئىستىمالچىلار زامانىۋى ئۇسلۇبقا ئىنتىلىدىغان بولغاچقا، ساپلىقى تۆۋەن بولغان ئالتۇندىن ياسالغان بۇيۇملار ياشلارنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئالتۇن باھاسىنىڭ كەلگۈسى مۈجمەل بولغاچقا، كەسپىي خادىملار ئالتۇن بازىرىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ناھايىتى ئۇزۇن ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.