دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرى بۈگۈن قاتتىق سىناقنى كۈتۈۋالىدۇ

parida 2017-08-11 12:08:41

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرى جۈمە كۈنى (8-ئاينىڭ 11 كۈنى) قاتتىق سىناق-ئامېرىكا CPI دانلىق مەلۇماتىنى كۈتۈۋالىدۇ. مەبلەغ سالغۇچىلار سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ كېيىنكى ھەرىكەت يۆنىلىشىگە كۆڭۈل بۆلمەكتە. تەھلىلچىلەر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ھەمدە جەدۋەل قىسقارتىش پىلانىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىسقا مەزگىللىك تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ دەپ مۆلچەرلىمەكتە. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: CPI سانلىق مەلۇماتى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەبلەغ سالغۇچىلار بىر ھەپتىدىن بۇيان مەزكۇر سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنى ساقلاۋاتقان بولغاچقا، سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى بازاردا قاتتىق داۋالغۇش پەيدا قىلىدۇ، شۇڭا، مەبلەغ سالغۇچىلار قاتتىق ئېھتىياتچان بولۇشى كېرەك.
ئامېرىكا 7-ئايلىق ئىستىمالچىلار مال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى سائەت 20:30 دە ئېلان قىلىنىدۇ، مەزكۇر سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ كەلگۈسى قارارى توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچىلىرى بىلەن تەمىلەيدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.