پەۋقۇلئاددە تەپتىش ئەمەلدارى زاسداتېللار ئۆمىكى تەشكىللەپ تىرامپنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتتى

parida 2017-08-04 15:00:37

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە تەكشۈرۈش ئەمەلدارى Robert Mueller ۋاشىنگتوندىكى فېدېراتسىيە زاسداتېللار ئۆمىكىنى ئۇچۇر يىغىشقا ياردەملەشتۈرگەن. نۆۋەتتە Robert رۇسيەنىڭ 2016-يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئارىلاشقان ياكى ئارىلاشمىغانلىقى توغرىسىدىكى ئەھۋاللار ۋە تىرامپ سايلام كوللېكتىپى ئەزالىرىنىڭ رۇسيە بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن ياكى ئەمەسلىكىنى تەكشۈرمەكتە.
ئەھۋالدىن خەۋەردار خادىملارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زاسداتېللار ئۆمىكى 2016-يىلى 6-ئايدىكى بىر قېتىملىق ئۇچرىشىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان بىر قىسىم كىشىلەرگە يەنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ ئوغلى كىچىك تىرامپ، كۈيئوغلى Kushner، تىرامپ سايلام كوللېكتىپىنىڭ سابىق رەئىسى Paul Manafor ھەمدە بىر نەپەر رۇسيەلىك ئادۋوكاتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن كىشىلەرگە چاقىرىق ئەۋەتكەن.
«رۇسيە بىلەن بولغان خۇسۇسىي ئالاقە» توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل پەۋقۇلئاددە تەپتىش ئەمەلدارى Robert نىڭ زاسداتېللار ئۆمىكىنى تەشكىللىگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، ئامېرىكا پۇل-مۇئامىلە بازىرىدا زور تەۋرىنىش بولدى، ئامېرىكا زايومى ئۆستى، ئامېرىكا دوللىرى 15 ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا يەنى 92.66 نۇقتىغا چۈشتى؛ دوللار بىلەن ياۋرۇ، يىن ۋە شۋىتسارىيە فرانكىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى. دوللار بىلەن يىننىڭ پېرېۋوت نىسبىتى %0.6 تۆۋەنلەپ، 6-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 109.84 غا چۈشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.