پۇل-مۇئامىلە بازىرى بۈگۈن چوڭ سىناقنى كۈتۈۋالىدۇ

parida 2017-08-04 12:11:01

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن ئامېرىكا غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى دوكلاتى بېيجىڭ ۋاقتى جۈمە كۈنى (8-ئاينىڭ 4-كۈنى) كەچ سائەت 20:30 دە ئېلان قىلىنىدۇ، بۇ دۇنيا پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۆنىلىشىگە نىسبەتەن چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىندا ئېلان قىلىنغان بىر قاتار سانلىق مەلۇماتلارنىڭ نەتىجىسى ياخشى چىقمىدى، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا غەيرىي يېزائىگىلىك سانلىق مەلۇماتى نەتىجىسىنىڭ كۈتكەندەك چىقماسلىق ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەيدۇ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشى بېسىمغا ئۇچرايدۇ، ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ 1280 دوللارلىق يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشى مۇمكىن.
سىرتقى تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، 7-ئايلىق غەيرىي يېزائىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى 180 مىڭ ئورۇن ئاشىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، 6-ئايدا 222 مىڭ ئورۇن ئاشقان ئىدى. 7-ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى %4.4 دىن %4.3 كە تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى مەركەزلەشكەن ئوتتۇرىچە ئىش ھەققىنىڭ ئايلىق نىسبىتى %0.3 ئاشقان، 2-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش نىسبىتىنى ياراتقان، ئىلگىرىكى بىر قانچە ئايدا ئۆسۈش نىسبىتى %0.2-%0.1 ئارىلىقىدا بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.