كۈمۈش باھاسى پات ئارىدا ئۆرلىشى مۇمكىن

parida 2017-07-14 16:30:13

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: قەرەللىك كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى جۈمە كۈنى (7-ئاينىڭ 7-كۈنى) قىسقىغىنە نەچچە سىكۇنتنىڭ ئىچىدە بىر مەيدان «چاقماق تېزلىكىدە چۈشۈش» جەريانىنى باشتىن كەچۈردى، چۈشۈش نىسبىتى %11 گە يەتتى. گەرچە بۇ ھەپتىدە كۈمۈش باھاسى ئاز نىسبەتتە ئۆرلىگەن بولسىمۇ، ئەمما قوش فوندقا مەبلەغ سالغۇچىلار مەبلەغلىرىنى قايتۇرۇۋالدى. ئەمەلىيەتتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ھودۇقۇشى ھاجەتسىز، چۈنكى ئادەتتە كۈمۈش ETF كە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بازارغا بولغان قارىشى پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس، يېقىندا كۈمۈش ETF كە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نىسبىتى زور دەرىجىدە ئاشقان بولۇپ، تارىختىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتقان. كۈمۈش باھاسى گەرچە تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالتۇن ۋە كۈمۈش ETPs نىڭ ئومۇمىي ساقلاش مىقدارى يەنىلا مۇقىم ھالەتتە ئاشقان، بولۇپمۇ كۈمۈشنىڭ ئومۇمىي ساقلاش مىقدارى بۇلتۇر 10-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىگە چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا، كۈمۈش باھاسى 2003-يىلىدىن بېرى ئىزچىل ئۆرلەپ كەلدى، ھەمدە ئۆرلەش ۋەزىيىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.