6-ئايلىق ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى %100 گە يەتتى

gulnur 2017-06-12 15:21:21

\

بۇ ھەپتە پۇل مۇئامىلە بازىرى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش ھەپتىسى بۇلۇپ،ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 6 - ئايدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى ئاللىقاچان %100 گە يەتتى. نەق مال كۈمۈشنىڭ چۈشۈش مېلى بۇ ھەپتە دەسلىپىدە ئاز نىسبەتتە ئۆرلەپ، بازارنىڭ مۆلچەرىدە چۈشۈش مېلى نۇرغۇن خېرىدارلارنى جەلىپ قىلىدىكەن.


جۈمە كۈندىكى كۈمۈش باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئاساسلىق دوللارنىڭ ئۆسۈپ كېتىشى سەۋەپ بولغان، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئەنگلىيە سايلىمىدىن كىيىنكى ئېنىقسىزلىق كۈمۈشكە نىسبەتەن يەنىلا تىرەشلىك رول ئوينىغان. ئەنگلىيىنىڭ بۇ قېتىمقى چوڭ سايلىمى تېرىسسا مېي نىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن مۇددەتتىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلدى، بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت بولسا يىغىندا تېخىمۇ كۆپ ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىرگە ياۋروپا سۆھبىتىنى تېخىمۇ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن بولدى. لېكىن سايلامنىڭ نەتىجىسى بىلەن تېرىسسا مېي بىلەن دەسلەپكى پەرقى چوڭ بولۇپ، ئۇنىڭ باش ۋەزىرلىك ئورۇننى ساقلاپ قېلىشى تەس بۇلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، , ئىشچىلار پارتىيىسىنىڭ داھىيسى Jeremy Corbyn ئىستىپا بېرىشنى ئىلتىماس قىلدى، ھەم دۆلەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىغا تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسى داھىيسى Tim Farron : مىي ئەسلى « خىجىللىق ھىس قىلغانلىقتىن » ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەردى دەپ قارىدى، ھەتتا كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بۇنداق غۇل-غۇلا ئاز بولمىدى، ھەم بەزى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەزالىرى بۇ قېتىمقى سايلامدا ئاپەت خاراكتېرلىك رىقابەت بار دەپ قاراشتى.

\



مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.