كۈمۈش ئۆرلەش يۆنىلىشىنى ساقلىيالامدۇ؟

rabigul 2017-05-15 15:21:52

\

جۈمە كۈنى ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا دوللىرى ۋە پايچىكى بازىرى ھازىرقىدەك ئۆرلەۋاتقان شارائىتتا، ئالتۇن بەلكىم تۆكمە بۇلۇپ سېتىش بېسىمىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

8 ھەپتىلىك تۆۋەن بازاردىن كىيىن، ئالتۇن بازىرى ئاخىرى مۇۋپپەقىيەتلىك ئۆرلىدى. لېكىن، مۇشۇنداق تىنىچ بازاردا، كۈمۈش تېخىمۇ كۆپ دىققەت ئېتىبارىنى قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن، ئۆتۈپ كەتكەن ئۈچ ھەپتىدە، كۈمۈش خۇددى ئۆسۈش يۆنىلىشتىن ۋاز كەچكەندەكلا قىلاتتى. ھالبۇكى بۇنىڭدىن بۇرۇن بازار ئىچىدە كۈمۈش ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان پۇل مۇئامىلە مۈلكىنىڭ بىرى.بۇ يىل بۈگۈنگە قەدەر ، كۈمۈشتىن ئۆسۈش بوشلۇقى پەقەت %3 لا بار بولغان.

Wheaton Precious Metals باش ئىجراچىRandy Smallwood زىيارەت قۇبۇل قىلىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى. « بازارنىڭ ئىپادىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس، »ئۇنىڭ قارىشىچە، «كۈمۈش ئوتتۇرا مەزگىللىك يۆنىلىشى ئۆسۈش بۇلۇپ، كېيىنىكى تۆت بەش يىلنىڭ ئىچىدە بازاردا تەمىنلەش ئىېھتاجى كەمچىل بۇلىشى مۇمكىن» ئىكەن.

RJOFuturesيۇقىرى دەرىجىلىك بازار ئانالىزچىسى Phillip Streible مۇنداق دىدى،« گەرچە نۆۋەتتىكى كۈمۈش باھاسى قارىماققا ناھايىتى كىشىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلغىنى بىلەن، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ سودىغا كىرىشتىكى ياخشى پەيت ئەمەس.» ئۇ يەنە مۇنداق دىدى، «خەۋپ-خەتەرنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى قىممەتلىك مېتاللار بازارغا بېسىم ئېلىپ كېلىدۇ. ».



ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۆچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.