بۈگۈن كۈمۈش باھاسى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىدى

gulbostan 2016-09-02 15:34:31

\

بۈگۈن خەلقئارا كۈمۈش باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك سودا بازىرىدا كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىدى . پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا ئىشسىزلىق سوممىسىنى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى مۆلچەردىن ياخشى چىقىپ، دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن، شۇنىڭ بىلەن كۈمۈش باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ تېز سۈرئەتتە 18.80 دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، بىراق ئارقىدىن ئېلان قىلغان ئامېرىكا ياساش كەسپى سانلىق مەلۇماتى ئامېرىكىغا پايدىسىز چىقىپ، كۈمۈش باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 18.90 دولار ئەتراپىغا چىققان. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى، ئامېرىكا غەيرى يېزا ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتى قاتارلىقلاردا بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.