كۈمۈشنىڭ نىشانلىق باھاسى 117 دوللارغا ئۆستى

ilkan_5 2026-01-27 16:10:50

\

1-ئاينىڭ 27-كۈنىدىكى خەۋەرگە قارىغاندا، خۇاچياۋ بانكا گۇرۇھى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تاشقى پېرېۋوت ئىستراتېگىيەچىسى Christopher Wing تەتقىقات دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: سانائەت ئېھتىياجىنىڭ ئېلاستىكلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ئامىللارنىڭ پايدىسىدا، كۈمۈش 2026-يىلى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆرلەش بازىرىغا قەدەم قويىدۇ. «ئۇنىڭ باھا يۈزلىنىشى بىزنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك ھۆكۈمىمىزنى دەلىللىدى − ئەمەلىي بۇيۇم بىلەن تەمىنلەش جىددىي بولۇش، سانائەت ئېھتىياجى مۇقىم، ساغلام بولۇش ۋە ماكرولۇق مۇھىتنىڭ تىرەك بولۇشىدا، كۈمۈش باھاسى قەرەلىدە ئۆرلىدى»دەپ بىلدۈردى . ئۇ تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېگەن:«بۇ نۆۋەتلىك ئۆرلەش سۈرئىتى ۋە دائىرىسى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى،بۇ ئاساسلىقى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۆزگىرىشى، تەمىنلەشنىڭ سىجىل ئېلاستىكلىقىنىڭ كەمچىل بولۇشى ھەمدە مۆلچەردىكىدىن كۈچلۈك بولغان سانائەت ئېھتىياجى ۋەزىيىتىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدىن بولغان. خۇاچياۋ بانكىسى 2026-يىلى 1-پەسىلدىكى كۈمۈش باھاسى مۆلچەرىنى ئەسلىدىكى ھەر ئۇنسىيەسى 76 دوللاردىن ھەر ئۇنسىيەسى 117 دوللارغا زور دەرىجىدە ئۆستۈردى
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.