ئىشقا ئورۇنلىشش سانلىق مەلۇماتى يەنىلا بازارنىڭ قىززىق نۇقتىسى

ilkan_5 2025-12-15 18:07:54

\

خىزمەتچى قوبۇل قىلىش جەھەتتە ئالدىنقى ئايلىق دوكلاتىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلگەن:ھازىرقى توڭلىتىلغان ئەمگەك كۈچلىرى بازىرى ئەندىزىسىگە قارىتا، «مەسىلە بازارنىڭ توختاش توختىماسلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ يېرىلىش-يېرىلماسلىقىدا».
داۋالاش ساھەسىنى مىسالغا ئالساق، 8-ئايغىچە ئىستاتىستىكا قىلىنغان 2025-يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىش ئورنى ئىچىدە، بۇ ساھەنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى % 47.5 كە يەتكەن بولۇپ، ئەگەر بۇ ساھەدە ئېغىر دەرىجىدە تارىيىش كۆرۈلۈپ، باشقا ساھەلەردە ماس قەدەمدە ياخشىلىنىش بولمىسا، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى تېخىمۇ زور بېسىمغا بەرداشلىق بېرىدۇ.
Indeed خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى مۇنداق دېگەن:«ئەڭ مۇمكىن بولغان ئەھۋال ھازىرقى ۋەزىيەتتىكى بۆسۈش بولماستىن، بەلكى ھازىرقى تۆۋەن دەرىجىدە ياللاپ ئىشلىتىش، تۆۋەن دەرىجىدە ئىشتىن بوشىتىش ھالىتىنى داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت — ياللىغۇچىلار بىلەن خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر تېخىمۇ ئاستا، تېخىمۇ تاللاش خاراكتېرلىك بازار مۇھىتىغا دۇچ كېلىدۇ».
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئايدا ئاخىرلاشقان 43 كۈنلۈك ھۆكۈمەتنىڭ توختاپ قېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان سانلىق مەلۇمات بېسىلىپ قېلىشنى بىر تەرەپ قىلماقچى، 11-ئايدىكى يېزا ئىگىلىكىدىن باشقا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش دوكلاتى سەيشەنبە كۈنى(12-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئېلان قىلىنىدۇ.
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ ھەپتە ئېلان قىلغان مۆلچەرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئەمەلدارلار ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ بۇ يىل % 4.5 لىك چوققا قىممەتكە يېتىدىغانلىقىنى، ئارقىدىن 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدا % 4.4 كە چۈشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى جېروم پاۋېل ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى مۇنداق كۆرسەتكەن:ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى «بېسىمغا ئۇچراۋاتىدۇ»، ئۇنىڭ ئۈستىگە «ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىش ئورنى يارىتىش ئەمەلىيەتتە مەنپىي ئېشىشقا ئۆزگىرىشى مۇمكىن».
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.