كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى 100% تىن ئېشىپ كەتتى

ilkan_5 2025-12-15 18:06:34

\

ئالتۇن بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغىنى كۈمۈشنىڭ ئىپادىسى بولدى. نەق مېلى كۈمۈشنىڭ باھاسى بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيەسى 64.64 دوللارغا يېتىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، ئەمما كېيىن كەڭ كۆلەمدە پايدا ئېلىپ ئاخىرلىشىشقا ئۇچراپ، ئالدىنقى جۈمە كۈنى % 3 كە يېقىن چۈشۈپ، 61.7 دوللار ئەتراپىدا يېپىلغان.
ئۆتكەن ھەپتىدە كۈمۈش جەمئىي % 5 كە يېقىن ئۆرلىگەن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيانقى ئۆرلەش نىسبىتى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇرغۇدەك ھالدا ئۆرلەش نىسبىتى % 112 كە يەتكەن.
كۈمۈشنىڭ زور دەرىجىدە ئۆرلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىللار ئامبار زاپىسىنىڭ سىجىل تارىيىشى، سانائەت ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك ئېشىشى، بولۇپمۇ قۇياش ئېنېرگىيەسى، توكلۇق ئاپتوموبىل ۋە سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق ساھەلەردە قوللىنىلىش ئېھتىياجىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشى ھەمدە كۈمۈشنىڭ ئامېرىكىنىڭ مۇھىم قېزىلما بايلىق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ئاساسىي ئامىللار كۈمۈشنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىقبالىنى يەنىلا ياخشىلىغان، لېكىن تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىغان:باھانىڭ ئۆسۈشى سەل ئېشىپ كەتتى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېھتىياتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىش كېرەك
CMZ دوكلاتىدا مۇنداق دەپ تەكىتلەنگەن:ئۇزاق مەزگىلدىن قارىغاندا، سانائەت ئېھتىياجى يەنە ئېشىشى مۇمكىن، لېكىن ھازىرقى يۇقىرى پەللە تېخىمۇ كۆپ سېتىش بېسىمىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.