كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈش نسىبتى 100% گە يەتتى

ilkan_5 2025-12-02 17:18:56

\

ئەگەر ئالتۇننىڭ ئۆسۈشى مۇقىم ۋە ساغلام دېيىلسە، ئۇنداقتا كۈمۈشنىڭ ئىپادىسىنى «پارتلاش خاراكتېرلىك»دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە بولىدۇ. دۈشەنبە كۈنى، كۈمۈشنىڭ باھاسى% 3.8 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 58.57 دوللار بىلەن يېپىلغان، بازاردا 58.82 دوللارلىق تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتكەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، كۈمۈشنىڭ جەمئىي ئۆسۈش نىسبىتى% 100 تىن ئېشىپ، بۇ قىممەتلىك مېتال بازىرىدا ھەقىقەتەن ئاز ئۇچرايدىغان بىر زور ئىش بولۇپ قالغان. كۈمۈشنىڭ كۈچلۈكلۈكى ئالتۇنغا ئوخشاپ كېتىدىغان ماكرولۇق قوزغىتىش ئامىلىنىڭ پايدىسىدىن بولۇپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭ سانائەت ساھەسىدە كەڭ قوللىنىلغانلىقىدىن بولغان، مەسىلەن، ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە قاتارلىقلاردىن كەلگەن. يەر شارىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ ئەسلىگە كېلىش مۆلچەرىگە ئەگىشىپ،كۈمۈشكە بولغان ئېھتىياج تەرەپمۇ نورمىدىن ئارتۇق ئېشىشقا ئېرىشكەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.