كۈمۈش باھاسى يەنە ئۆرلەمدۇ؟

parida 2017-08-17 18:35:09

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق كۈمۈش باھاسى پەيشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا ئەتىگەندە زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 17.18 دوللارغا چىقتى، ئىككى ھەپتىدىكى يۇقىرى باھا 17.25 دوللارغا يېقىنلاشتى. چارشەنبە كۈنى (8-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ 7-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىن خاتىرسىنىڭ مەزمونى «مۆتىدىل» بولغاچقا، بىر قىسىم كومىتېت ئەزالىرى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشنى ۋاقتىنچە توختىتىشنى تەلەپ قىلدى، نەتىجىدە ئامېرىكا دوللىرى بېسىمغا ئۇچراپ، كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن %3 ئۆرلىدى، سودا داۋامىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 17.14 دوللارغا چىقتى. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلار ياۋرۇ رايونىنىڭ CPI سانلىق مەلۇماتى ۋە ئامېرىكا دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى سانى قاتارلىق مۇھىم سانلىق مەلۇماتلارغا دىققەت قىلىشى زۆرۈر.

تېخنىكىلىق جەھەتتىن قارىغاندا، كۈمۈش باھاسى ئالدىنقى كۈنى سەيشەنبە كۈنىدىكى چۈشۈش نىسبىتىگە قايتقان بولسىمۇ، ئەمما قايتىدىن 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 17.07 دوللارغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 50 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقتىكى 16.50 دوللارلىق نۇقتا كۈمۈش باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن كۈچلۈك تىرەك بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.