شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدا خەۋپ - خەتەر كەيپىياتى كۈچىيىپ كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى

mukaram 2017-07-31 12:33:25

ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانى چاۋشىيەن ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتتى ، ئامېرىكا تەرەپ بۇنى چاۋشيەننىڭ قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى قويۇپ بېرىشىگە قايتۇرغان ئىنكاسىمىز دىدى . شۇنىڭدىن تارتىپ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىنىڭ خەۋپ - خەتەر كەيپىياتى كۈچىيىپ، دۈشەنبە (7-ئاينىڭ 31-كۈنى) كۈمۈش باھاسى شىددەت بىلەن ئۆستى.


\


شۇ يەر ۋاقتى يەكشەنبە (7-ئاينىڭ 30-كۈنى ) ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى بايانات ئېلان قىلىپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىككى دانە كۆرۈنمەس ستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانى B-1B چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى ، بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن چاۋشيەن سىناق تەرىقىسىدە « مارس ‏-14» تىپلىق قىتئەلەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنىڭ مۇۋپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى . ھالبۇكى تۈنۈگۈن ئامېرىكا قويۇپ بەرگەن بومباردىمانچى ئايروپىلانى چاۋشيەننىڭ سىناق تەرىقىسىدە قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان سنارەدگە قارىتا قايتۇرغان ئىنكاسى ئىكەن .
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى داۋىس باياناتتا : «چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن سىنارەد تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر ئۇچقاندىن كىيىن ياپۇن دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرىدۇ ،بۇ ئامېرىكىغا ھىچ قانداق تەھدىت ئىلىپ كەلمەيدۇ ، ئەمما ئامېرىكا چاۋشيەننىڭ يېقىندا باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى » دېدى .

\



ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.