ئالتۇن زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئاشتى

parida 2017-07-20 14:25:28

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: شىياڭگاڭدىكى ئاساسلىق ئۈنچە-مەرۋايىت پارچە سېتىش سودىگىرى – ليۇفۇ گۇرۇھىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تۇنجى مالىيە پەسلىدە پۈتۈن دۇكانلارنىڭ پارچە سېتىش نىسبىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5 ئاشقان. ئاساسىي سانى نىسبەتەن تۆۋەن بولغانلىقى ھەمدە ئالتۇن مەھسۇلاتلىرى تەمىنلەش تەدبىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ئالتۇن مەھسۇلاتلىرىنىڭ دۇكاندىكى سېتىلىش نىسبىتى ئاشقان.
ئىچكىرىدىكى دۇكانلارنىڭ پارچە سېتىش نىسبىتى ئالدىنقى بىر پەسىلدىكىدىن %23 ئاشقان، ئالتۇن ۋە ئۈنچە-مەرۋايىت بۇيۇملىرىنىڭ دۇكاندىكى سېتىلىش نىسبىتى ئايرىم-ئايرىم ھالدا %32 ۋە %10 ئاشقان.
شياڭگاڭ ۋە ئاۋمىن بازىرىدا سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3 ئاشقان، تۇنجى پەسىللىك ئۈنچە-مەرۋايىت بۇيۇملىرىنىڭ سېتىلىش نىسبىتى %9 دىن ئاشقان، ئالتۇن بۇيۇملىرىنىڭ دۇكاندىكى سېتىلىش نىسبىتىمۇ ئاشقان ھەمدە بىر يىلدىن كۆپرەك كاساتلىشىش ۋەزىيىتىدىن تەڭپۇڭ ھالەتكە قايتقان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.