ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كېيىنكى بازاردىكى ئەھۋالى قانداق بولىدۇ؟

parida 2017-07-18 11:30:12

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 18-كۈنى) يەنىمۇ ئۆرلەپ 1237.45 دوللار\ئۇنسىيەگە يەنى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلاردا ئامېرىكا پۇل پاخاللىقى ئاجىز بولغاچقا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى جىددىي تۆۋەنلەپ نەچچە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى. ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى ئۇدا ئىككى سودا كۈنىگىچە ئۆستى ھەمدە 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقنىڭ ئۈستىگە چىقتى. مەبلەغ سالغۇچى بانكىلارنىڭ تەھلىلچىلىرىنىڭ قارىشىچە، بۇ كېيىنكى بازاردا ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ بۇ يىل قايتا ئۆسۈم ئۆستۈرۈش ئېھتىماللىقى %50 دىن تۆۋەنلىدى. فرانسىيە يېزائىگىلىك كرېدىت بانكىسى تاشقى پېرېۋوت تاكتىكىچىسى Vassili Serebriakov نىڭ بىلدۈرۈشىچە، بازار ئامېرىكا فېدېراتسىيە كومىتېتىنىڭ تېزلىكتە ئۆسۈم نىسبىتىنى چېڭىتىشىغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۇرسى داۋاملىق چۈشىدۇ.
سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى 95 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى، 2016-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى تۆۋەن نۇقتا 94.89 غا چۈشتى؛ نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى ئۇدا ئىككى سودا كۈنىگىچە ئۆرلىدى، ئۆسۈش نىسبىتى %0.5 بولدى، باھاسى 1234.61 دوللار\ئۇنسىيە بولدى. نەق كۈمۈشنىڭ باھاسى دۈشەنبە كۈنى %1.2 ئۆرلەپ 16.13 دوللارغا چىقتى، سودا داۋامىدا ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى باھا 16.20 دوللارغا چىقتى.
كۈمۈش 2-پەسىلدە ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولغان قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بىرى، ئەمما Galipelli نىڭ مۆلچەرلىشىچە، سانائەت ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى سەۋەبلىك كۈمۈش باھاسى 2017-يىلنىڭ ئاخىرى ۋە 2018-يىلى ئۆسۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.