ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇقىملاشتى

parida 2017-07-18 10:59:47

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 17-كۈنى) شىددەت بىلەن ئۆرلىدى، ئامېرىكا بازىرىدا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1235.94 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى، ئالتۇن باھاسى 200 كۈنلۈك ئوتتۇرىچە سىزىقنىڭ ئۈستىگە چىقتى، ئۆرلەش ۋەزىيىتى يەنىمۇ مۇقىملاشتى. ئامېرىكا دوللىرى ۋە ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتى ئاجىزلىغانلىقتىن، ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلىدى، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن ياخشى شارائىت ھازىرلىدى. يېقىندا ئېلان قىلىنغان ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق نيۇيورك فېدېراتسىيە ياسىمىچىلىق كەسپى كۆرسەتكۈچى 9.8 بۇلۇپ، ئالدىنقى قىممەت ۋە كۆزلىمە قىممەتتىن خېلىلا تۆۋەن بولدى، بۇ ئالتۇن باھاسى ئۈچۈن پايدىلىق بولدى.
تەھلىلچى Jonathan Butler نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئاجىزلىغاندىن كېيىن، پايدا نىسبىتىمۇ تۆۋەنلىگەن، ھەر ئىككىلىسى نىسبەتەن يۇقىرى نۇقتىدىن بەلگىلىك نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن. ئەگەر ئالتۇن باھاسى داۋاملىق 1230 دوللار ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى سەۋىيىنى ساقلىيالىسا، بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس يارىتىشى مۇمكىن.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.