ئالتۇن باھاسى بۇ يىلقى ئەڭ يۇقىرى باھانى كۆرسەتتى

abdurahman 2017-06-07 16:18:06

\


خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە(6-ئاينىڭ6-كۈنى)چوڭ دائىرىدە ئۆسۈپ 7ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نوقتىنى كۆرسىتىپ 1295.87 دوللارغا چىقىپ، %1ئۆسۈپ ، 1290دىكى ئۆتكەلدىن ئۆتۈپ،1300دوللارنى نىشان قىلىپ ماڭماقتا. سەيشەنبە كۈنىدىكى بازار ئەھۋالىدىن قارىغاندا ،ئالتۇن باھاھسىنىڭ ئۆسۈشى ئۈزلۈكسىز بۇلغان. ئاسىيا بازىرى ئېچىلغاندىن كىيىن ئالتۇن باھاسى 1280دىكى ئۆتكەلدىن بۆسۈپ ئۈتۈپ،ياۋرۇپا بازىرىدا 1290دىكى تۇسالغۇ نوقتىسىدىنمۇ بۆسۈپ ئۆتكەن،ئامېرىكا بازىرىدا 1300دوللاردا چوڭ تۇسالغۇغا ئۇچراپ،ۋاقىتلىق تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى ساقلىغان.نۆۋەتتىكى ئالتۇن باھاسى 4-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نوقتىدا چىققان.

ئانالىزچىلارنىڭ قارشىچە ،سەيشەنبە كۈنى دوللارنىڭ ئاجىزلىشى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى ئۆسكەن.ئالتۇن باھاسى 5-ئايدىكى 1213.81 دوللارلىق تۆۋەن نوقتىىدىن%6ئۆسكەن،ئامېرىكا سىياسىتىدىكى بازار تەۋرىنىشى ترامپنىڭ ئىقتىسادنى تىزلىتىش سىياسىتىنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا گۇمان پەيدا قىلىپ،دوللار ۋە زايوم پايدا نىسپىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

يېقىنقى مەزگىلدە ئېلان قىكىنغان ئىقتىسادىي سانلىق قىممەت ئىپادىسى بىر قەدەر ئاجىز بۇلۇپ ،مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدراتسىيە زپاس پۇل كومىتىتىنىڭ ئۆسۈم قۇشۇش قوشماسلىقىنى مۇقىملاشتۇرالمىغان،ئۇنىڭ ئۈستىگە بازاردىكى ئالتۇن باھاسىمۇ ئاللىقاچان ئۆسۈم قۇشۇش مۆلچەرى بۇيىچە بولغان.

\


مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.