ئالتۇن باھاسى ئۆسۈپ ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى

parida 2017-06-05 10:54:27

\

FX16 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 5-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا 1280 دوللار\ئۇنسىيەدىن ئېشىپ 1282.16 دوللار\ئۇنسىيەگە يېقىنلىشىپ، ئالتە ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھاغا چىقتى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 2-كۈنى) ئامېرىكا ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە ئىش ھەققىنىڭ ئېشىش سانلىق مەلۇماتى كۈتكەندەك بولمىغاچقا، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى (FED) نىڭ كېيىنكى يېرىم يىلدىكى ئۆسۈم قوشۇش پىلانىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى يەتتە ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى، ئالتۇن باھاسى يەنە %1 ئۆرلىدى، ئەڭ يۇقىرى باھا 1279.60 دوللار\ئۇنسىيەگە يېقىنلىشىپ، ئۇدا تۆت ھەپتە ئۆرلىدى.بۇ ھەپتىدە بازار ئەنگىلىيە چوڭ سايلىمى ۋە كومىنىڭ پارلامېنتتىكى گۇۋاھلىق سۆزى قاتارلىق مۇھىم ۋەقەلەرنى كۈتۈۋالىدۇ، بۇ ئالتۇن بازىرىنىڭ يەنە تەۋرىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئەڭ يېڭى تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، سودىگەرلەرنىڭ كۆپىنچىسى بۇ ھەپتىدىكى ئالتۇن باھاسىغا كۆڭۈل بۆلمەكتە.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.