گېرمانىيە بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى ئالتۇن باھاسىغا قانداق قارايدۇ

zumrat 2017-06-02 18:33:11

\


يەر شارى پاي چېكى بازىرى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى ئۆرلىدى، دوللار ADP سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشى چىقىشى بىلەن يۇقىرى ئۆرلىگەن، بۇ ئىككى ئامىلنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى چۈشۈپ بىر ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى. يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن بازارغا سېلىش سودا فوندى SPDR Gold Trust GLDنىڭ ئالتۇن زاپاس مىقدارى پەيشەنبە كۈنى بىلەن چارشەنبە كۈنى ئوخشاش بولغان.

گېرمانىيە بانكىسىنىڭ تەھلىلچىسى Grant Sporreدوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆلچەملىك پور 500 كۆرسەتكۈچى ، مىس باھاسى ۋە خام نېفىت باھاسىنىڭ تارىخىي مۇناسىۋىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان توققۇز تۈرلۈك كۆرسەتكۈچى، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشىدىن بىشارەت بەردى، تەھلىلچىنىڭ مۆلچەرىدە ئالتۇن باھاسى 1015دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن، يىل ئاخىرىغىچە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى 1150دوللار ئەتراپىغىچە بولىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

\

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.