ئالتۇن باھاسىنىڭ قىسقا سىزىقىدا قاتتىق تەۋرىنىش بولۇپ باھاسى ئۆرلەشكە باشلىدى

gulbostan 2017-05-25 10:42:05

\

FX168مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: خەلقئارا نەق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 5-ئايلىق يىغىن خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن يەنە تەۋرىنىپ ئۆرلەشكە باشلىدى، ھەمدە مەلۇم دەرىجىدە چۈشۈشكە قارشى تۇرۇشچانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 1258.60 دوللار\ئۇنسىيەگە چىقتى، ئالتۇن باھاسى قىسقا سىزىقى تەۋرىنىپ بىردىنلا ئالتە دوللار ئۆستى، ئاندىن يەنە چۈشۈپ ئەسلىدىكى ئۆسۈش نۇقتىسىغا قايتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئالدى بىلەن زور دەرىجىدە چۈشۈپ ئارقىدىن ئۆسۈشكە باشلىدى، نۆۋەتتە يەنىلا ئۆسۈش ھالىتىدە تۇرماقتا.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.