ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى يۇقىرىلاپ ئالتۇن باھاسى يەنە چۈشتى

gulbostan 2017-05-24 11:24:31

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 24-كۈنى) ئاساسەن تەڭپۇڭ ھالەتتە بولۇپ 1250.75 دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولدى. سەيشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 23-كۈنى) ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك خام چوت لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئالتە ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن تەدرىجىي يۇقىرىلاشقا باشلىدى. ئالتۇن باھاسى شۇ كۈنى نيۇيوركتا تېز سۈرئەتتە 10 دوللار تۆۋەنلىدى، ھەمدە 1250.75 دوللار\ئۇنسىيەگە چۈشتى. ئالتۇن بازىرىغا مەبلەغ سالغۇچىلار قارىماققا ئەنگىلىيەدە يۈز بەرگەن ئۆزىنى پارتىلىتىش ھۇجۇمى ۋە سىياسىي بوران-چاپقۇننىڭ تەسىرىگە كۆپ ئۇچرىمىغاندەك قىلاتتى. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 5-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ 6-ئايدىكى ئۆسۈم قوشۇشقا يەنىمۇ ياخشى ئاساس سېلىشى مۇمكىن. تەھلىلچىلەر، ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى يەنىلا ئالتۇن باھاسىغا نىسبەتەن بىر چوڭ تەھدىت دەپ قارايدۇ.

سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا سانلىق مەلۇماتىنىڭ ھەم كىشىنى خۇشال قىلىدىغان ھەم ئەندىشىگە سالىدىغان تەرىپى بار. بۇنىڭ ئىچىدە، ئامېرىكىنىڭ 4-ئايدىكى يېڭى ئۆي سېتىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىگە قارىغاندا %11.4 تۆۋەنلىگەن، يېقىنقى توققۇز يىلدىن بۇيانقى يېرىم يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلىگەن. ئەمما، ئەمگەك كۈچى بازىرى قىس، ئۇنىڭ ئۈستىگە رەنىگە قويۇپ قەرز ئېلىش نىسبىتى تارىختىن بۇيان تۆۋەن نۇقتىدا تۇرغان، ئاممىنىڭ ئۆي سېتىۋىلىش تەلىپى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بولغاچقا، ئامېرىكىنىڭ 5-ئايلىق ياساش كەسپىنىڭ تەرتىپ باشقۇرۇش بۇيرۇقى دەسلەپكى قىممىتى توققۇز ئايدىن بۇيان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە بولسىمۇ، ئەمما مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئېشىش نىسبىتى بۇيىلدىكى ئەڭ تېز بولغان ۋاقىت بولدى.

ئامېرىكا ئاق ساراي سەيشەنبە كۈنى تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق ئومۇميۈزلۈك خامچوت لايىھەسىنى ئېلان قىلىپ، پارلامېنتنىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا ھۆكۈمەت خىراجىتىنى زور مىقداردا ئازايتىشىنى ئۈمىد قىلدى. لايىھە نۇقتىلىق ھالدا داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە يىمەكلىك ياردەم پۇلى پىلانى چىقىمى،شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ھەربىي خىراجەت چىقىمىنى كۆپەيتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ لايىھەگە ئاساسلانغاندا، تىرامپ ھۆكۈمىتى 10 يىلغىچە خامچوتنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

ئاق ساراي خامچوت لايىھەسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كۆرسەتكۈچى ئالتە يېرىم ئايدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتىدىن زور دەرىجىدە ئۆرلىدى، ھەمدە يېقىندا 97.43 نۇقتىغا چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتىمۇ ئۆرلىدى. نيۇيوركتا سەيشەنبە كۈنى نەق ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ 1250.75دوللار\ ئۇنسىيەگە چۈشتى.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.