ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى بىرلا نۇقتىغا باغلىق

gulbostan 2017-05-23 16:07:39

\

بىر دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى بۇ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، ئەگەر سىياسىي ۋەزىيەتتە داۋالغۇش يۈز بەرسە، تەبئىي ھالدا پۈتۈن جەمئىيەتتە ئالاقىزادىلىك پەيدا قىلىدۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ داۋالغۇشىدەك ئەھۋاللار كۆپ يۈز بەرگەچكە، ئالتۇن پارچە سېتىش كەسپىدە شىددەت بىلەن ئېشىش ۋەزىيىتى بارلىققا كەلدى. ئۆتكەن 15 يىلدىن بۇيان، پۈتۈن يەرشارىدا ئالتۇنغا سېلىنىدىغان تارقاق مەبلەغ شىددەت بىلەن ئاشتى. بۇلتۇر تارقاق مەبلەغ سېلىنغان ئالتۇن مىقدارى كىلوتوننىغا يىتىپ 2001-يىلىدىكىدىن 2.5 ھەسسە قاتلاندى. گەرچە بۇلتۇر ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئالتۇننى بازارغا قايتۇرۇپ سېتىۋالغۇچىلار كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ساپ ئېھتىياج مىقدارىغا تەسىر يەتكۈزدى. ياۋۇپادا ئالتۇننىڭ سېتىلىش مىقدارى ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ۋە پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ چوڭ نىسبەتتە تەۋرىنىشى باشلانغاندىن كېيىن يۇقىرىلاشقا باشلىدى.

بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋىلىشقا بولۇدۇكى، بىرقىسىم چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. يېقىندىن بېرى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپنىڭ سىياسىي سەتچىلىكى ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش خۇسۇسىيىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى، تاھازىرغىچە سىياسىي ۋەزىيەت ئۈزۈل-كېسىل ئەسلىگە كەلگىنى يوق. نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسى 1260 دوللارلىق مۇھىم ئۆتكەلدە تۇرماقتا، ئەگەر بۇ باھادىن بۆسۈپ ئۆتەلىسە، شۇنداق دېيىشكە بولۇدۇكى بازارنىڭ ئامېرىكا سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىدۇ. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش نىسبىتىگە بېسىم چۈشۈرىدۇ، ھەمدە داۋاملىق ئۆرلەپ 1300~1280 دوللارغىچە ئۆسۈشى مۇمكىن. ئەگەر ئالتۇن باھاسى 1260 دوللارلىق باھانى بۆسۈپ ئۆتەلمىسە، بازارغا نىسبەتەن ئەندىشە كۈچەيمەيدۇ، ئالتۇن باھاسى يەنىلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، 1260 دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا تەۋرىنىپ تۇرۇشى ھەتتا ئۇنىڭدىن تۆۋەنلىشى مۇمكىن.


ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.