بىر قاتار ئېنىقسىزلىقلار ئالتۇن باھاسىنىڭ تۇراقلىشىش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى

zumrat 2017-03-30 13:58:11

\

ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ياۋروپادىن چېكىندى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ سىياسىتى، ھەمدە فرانسىيە چوڭ سايلام قاتارلىق نۇرغۇن ئېنىقسىزلىق تەسىرىدە(3-ئاينىڭ 30-كۈنى ) پەيشەنبە ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى مۇقىم 1250 دوللار بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دوللار ئۆرلەپ ئالتۇن باھاسى توسالغۇغا ئۇچرىدى.

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى%0.1 چۈشۈپ،1251.22 دوللار بولغان.

ئامېرىكا قەرەللىك ئالتۇن باھاسى% 0.2 چۈشۈپ،1250.9 دوللار بولغان.

ICE دوللار كۆرسەتكۈچى% 0.1ئۆرلەپ،100.07 گە چىققان.

پەيشەنبە كۈنى دوللارنىڭ باشقا پۇللارغا ئالمىشىشى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان. بۇ ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ ياۋرۇنى چۈشۈرۈش ئېھتىماللىقىدىن بولغان.

چارشەنبە كۈنى ئەنگلىيە زۇڭتۇڭى ئەنگىلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىشنى ئېلان قىلغان. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:« بۇ قېتىملىق چېكىنىش ھەرگىز قايتىلانمايدۇ.»

چارشەنبە كۈنى كانادا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:« بۇ يىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئاز بولغاندا 2 قېتىم ئۆسۈم قوشىدۇ،كۆپ بولغاندا 4 قېتىم ئۆسۈم قوشىدۇ، بىراق بۇ ئامېرىكا ئاساسىنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئېھتىياجلىق.»

چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى مۇنۇلارنى كۆرسەتكەن:«ئامېرىكىنىڭ ئىقتسادىي ئەھۋالى ئاساسىي جەھەتتىن ياخشىلىنىپ بولدى، بۇ يىل ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى 3 قېتىم ۋە ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىن.»

تىرامپنىڭ يېڭىچە داۋالاش سىياسىتى بىكار قىلىنغاندىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ باجنى كېمەيتىش سىياسىتى تۆۋەنلەپ كەتكەن. بۇ يېڭىچە داۋالاش سىياسىتىنىڭ بىكار قىلىنىشى بۇ بىر نەچچە ئايدىكى ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ چۈشۈشىگە تۈرتكە بولغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى،باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ، ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.