داۋالاش سىياسىتى ئالتۇن باھاسىنىڭ 1250 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ

zumrat 2017-03-24 13:12:36

\

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى پەيشەنبە (3-ئاينىڭ 23 - كۈنى ) داۋالاش سىياسىتىنى ئالماشتۇرۇش لايىھىسىگە بېلەت تاشلاش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولدى، سەۋەبى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ تېخى يېتەرلىك بېلەت سانىغا ئېرىشمىگەن ۋە ئوباما داۋالاش داۋالاش ئىسلاھاتىنىڭ يېڭىلىنىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان.

پەيشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن بېلەت تاشلاشنىڭ كېچىكتۈرۈلۈش خەۋىرىنىڭ تارقىلىشىغا قارىغاندا، بەزى تاراتقۇلار مۇنۇلارنى دېدى :«بېلەت تاشلاش پائالىيىتى جۈمە كۈنى ئەتىگەندە ئېلىپ بېرىلىدۇ.»

بۇ خەۋەر بازارغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، سەۋەبى باشقىلار تىرامپنى بۇ قېتىملىق سايلام رىقابىتىدە «سىناق تېشى» ۋەدە بەرگەن دەپ قارىغان. تىرامپ ئوبامانىڭ داۋالاش ئىسلاھاتىنى چۆرۈپ تاشلاپ، باج كېمەيتىشنى يولغا قويىدۇ، ھەمدە ئاساسىي قۇرۇلۇش ئېلىپ بارىدۇ.

فرانسىيە پارىژ بانكىسى ئاكسىيە شىركىتى يۇقىرى دەرىجىلىك ئىقتىسادشۇناسىBricklin Dwyer مۇنۇلارنى بىلدۈردى:« مۇقىم داۋالاش قانۇن ئەندىزىنى چۆرۈپ تاشلاپ بېلەت تاشلاش، تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ سايلام رىقابىتى پىلانىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم نۇقتا دەپ قارىغان.»

Dwyer مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بازارنىڭ ھازىرقى تەڭپۇڭ تۇرۇشى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ بۇ لايىھەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش-بولماسلىقىنى ئۆلچەيدىغان ئۇسۇلى. گەرچە ۋاقىتتا ئېنىقسىزلىق پەيدا بولسىمۇ، بىراق كۆرۈشكە بولىدۇكى، لاھىيەنىڭ تەستىقتىن ئۆتۈش مۇمكىنچىلىكى بار.»

پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى1250 دوللاردىكى توسالغۇغا ئۇچرىغان، سەۋەبى دوللار ئۆسۈپ، بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئاۋام پالاتاسىنىڭ بېلەت تاشلىشى بولغان.

ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا 6كۈندىكى ئۆسۈشى توسالغۇغا ئۇچرىغان، بىراق ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 123.05 دوللار بولغان. تاشقى دۇنيا تىرامپ سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىدىن ئەندىشە قىلغان.

پېرېۋوت ئانالىزچىسىLukman Otunuga مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«بۇ ھەپتىدىكى خەتەرلىك ئەھۋال ئالتۇن باھاسىغا داۋالغۇش ئېلىپ كەلگەن.» ئالتۇن باھاسى 3 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا1250 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن، دوللار ئاجىزلاپ، ئالتۇن باھاسى ئۆرلىگەن. ئانالىزغا ئاساسلانغاندا، كۈن سىزىقىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئالتۇن باھاسى 1240 دوللارغا مەركەزلەشكەن. بۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆرلىشىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئالتۇن باھاسى 1250 دوللاردىكى ئۆتكەلدىن ئۆتۈپلا قالماي، 1260 دوللاردىكى ئۆتكەلنى بۆسۈش ئېھتىماللىقى بار.

جۈمە(3-ئاينىڭ24-كۈنى) بېيجىڭ ۋاقتى سائەت10:28 مىنۇت ئۆتكەندە ئالتۇن باھاسى 1243.17 دوللار بولغان.

ئەسكەرتىش:مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىندى، باشقا تور بەتلەرنىڭ قالايمىقان كۆچۈرۈشىگە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىشىغا يول قويۇلمايدۇ. ئەگەر بايقىلىپ قالسا قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.