ئالتۇن ئۆسۈش قەدىمىنى توختاتمايدۇ

gulbostan 2017-02-10 11:16:21

\
FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: بۇلتۇر 11-ئايدىكى ئامېرىكا چوڭ سايلىمىدىن كىيىن، كۆپ قىسىم قىممەت مېتاللار سودىگەرلىرى ۋە تەھلىلچىلەر تىرامپ سايلانسا ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشقان. لىكىن «قىممەت مېتاللارغا مەبلەغ سېلىش كۆرسەتكۈچى» نىڭ ئاپتورى Paul Mladjenovic نىڭ قارىشىچە بۇنداق ئەمەس ئىكەن.
Mladjenovic زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ئاشكارلىشىچە، ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلار تىرامپنىڭ سايلىنىشىنى ئىقتىسادنىڭ ئۆرلىشى ۋە سودا تەرەققىياتىغا پايدىلىق دەپ قارايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن، ئۇنىڭ دېيىشىچە بۇ ئالتۇن سېتىۋالىدىغاننىڭ ياخشى سەۋەبى بولالمايدىكەن.
ئەمىلىيەتتە، سايلامدىن كېيىن ئالتۇن باھاسى چۈشكەن بولۇپ، چۈشۈش ۋەزىيىتى بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان.
بىراق، 2017-يىلى كىرگەندىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى يۇقىرىغا ئۆرلەش يۆنىلىشىدە بولغان، بۇ مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ تىرامپنىڭ سىياسىتىنىڭ مۇقىمسىز دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن بولغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ئۆرلەش دائىرىسى %7 بولغان.
تىرامپ گەرچە ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشىنىڭ بىردىنبىر ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولمىسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ كۈتۈلمىگەن ھەرىكەتلىرى ۋە سۆز-ئىبارىلىرى بىر قاتار كاپىتالغا تەسىر قىلغان يەنى ، ئامېرىكا دوللىرى، پايچېكى ۋە زايۇم قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇلار بىرلىشىپ يىقىندىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىگە بولغان ئاساسلىق ئامىل بولۇپ قالغان.
تۈنۈگۈن 4-ئايلىق ئالتۇنىنىڭ باھاسى 1230 دوللار\ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولغان بولۇپ، بىر كۈننىڭ ئىچىدە چۈشۈش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن، مۇشۇ ھەپتىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 3 ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنىڭ ئەتراپىدا بولغان.
Mladjenovic نىڭ قارىشىچە، ئالتۇن باھاسى تېخى ئۆسۈش قەدىمىنى توختاتمايدىكەن. ئۇيەنە:«قىممەت مېتاللار چوقۇم بىر ئىنتايىن كۆڭۈلدىكىدەك بىر يىلىنى كۈتىۋالىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن, مەن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىلىرىدا ئالتۇن باھاسىنىڭ 1300 دوللار ئەتراپىدا بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەيمەن» دېگەن.
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.