ئېنىقسىز ئامىللار ئالتۇن باھاسىنى ئۆرلېتىۋىتىدۇ

gulbostan 2017-02-07 11:45:05

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئالتۇن باھاسى ئالدىنقى ھەپتىدىكى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلىغان بولۇپ، تۈنۈگۈن ئامېرىكا بازىرىدىكى سودىدا 2 يېرىم ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى ئورۇنغا چىققان، ئۇدا 7 سودا كۈنى ئىشلەپچىقارغۇچى تەرەپنىڭ پاي باھاسىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن بولۇپ، 2014-يىلى 8-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ئۇزۇن ئۇدا ئۆرلەش مەزگىلىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
4-ئايلىق قەرەللىك ئالتۇنى بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا داۋاملىق ئۆرلەيدىغان بولۇپ، سەۋەبى مەبلەغ سالغۇچىلار خەتەردىن ساقلىنىش مۈلىكى بولغان ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش تەرەپدارى بولغان. (Dow Jones) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ھەپتىدە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلەش دائىرىسى %2 تىن ئاشقان بولۇپ، 6-ئايدىن بۇياينقى ئەڭ چوڭ ئۆسۈش دائىرىسىنى ياراتقان.
ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قىممەت مېتاللارنى ئىشلەپچىقىرىش سودىگەرلىرىگە پايدىلىق بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن كېنى پاي كۆرسەتكۈچى تۈنۈگۈن %1.6 ئۆرلىگەن ، ئالدىنقى 7 كۈننىڭ ئىچىدە، بۇ كۆرسەتكۈچ جەمئىي %8.5 ئۆرلىگەن.
تىرامپ ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنى كېڭەيتىپ، پايدا نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈردى ھەمدە دوللارنىڭ كۈچلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ۋەھالەنكى، يۇقىرى پايدا نىسبىتى بولسا ئالتۇننىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ.
لىكىن بۇ خىل كونتىرول قىلىش توسقۇنلىققا ئۇچرايدىغان بولۇپ، تىرامپنىڭ ئامېرىكا سودا كىلىشىمىدىكى ھەرىكىتى ئامېرىكا دوللىرىغا زىيان يەتكۈزۈشكە باشلىغان، باشقا ساھەدىكىلەر تىرامپ ھۆكىمىتىنىڭ جۇغراپىيىلىك سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلغان.
تىرامپ ۋەزىپىگە ئورۇنلىشىپ بىر ھەپتە ئۆتمەيلا بازارنى تەۋرەتكەن بولۇپ، بۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ TPP دىن چىكىنىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر تارقالغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرامپ مىكسىكا چىگرىسىغا تام ياسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەمدە 7 دۆلەتتىكى 218 مىليۇن كىشىنىڭ ئامېرىكىغا كىرىشنى چەكلىگەن. بۇ ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.