ترامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئىچىلىشنىڭ ئالدىدا ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى

gulbostan 2017-01-11 17:56:38

\

FX168 ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى ئىلكان تورى تەرجىمىسى: 11-يانۋار ئالتۇن باھاسى 6 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىقتى، سەۋەبى ترامپنىڭ چوڭ سايلامدىن كىيىنكى تۇنجى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئالدىدا، خەۋپتىن ساقلىنىش ئىھتىياجى ئۆرلىدى.
نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسى %0.18 ئۆرلەپ، 1188.15 دوللارغا يەتكەن بولۇپ، 1180 لىك تۆۋەن نۇقتىدىن مۇقىم ئۆرلىگەن. بۈگۈنكى ئاسىيا بازىرىدىكى ئېھتىياج قايتىدىن ئاشقان، سەۋەبى بولسا مەبلەغ سالغۇچىلار ترامپنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىنىڭ ئالدىدا ئېھتىياتچان بولۇشنى تاللىغان ،كاپىتالىنى خەتەردىن ساقلىنىش مۈلىكىگە سالغان، بۇ قېتىملىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى بەلكىم ترامپنىڭ چىقىم پىلانىنى ئەڭ يىڭى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ چۈشىشى ئاسىيا پايچېكىنىڭ چۈشىىشى بىلەن بىرلىشىپ، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە سەۋەب بولغان.
دۇنيا بانكىسىنىڭ 10-يانۋار بىلدۈرىشىچە، نېفىت باھاسى ۋە تاۋار باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى كىچىك دائىرىدە ئۆرلىشى مۇمكىن، بۇ بەلكىم بەلگىلىك دەرىجىدە ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن
ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىنغان،قالايمىقان كۈچۈرۈشكە ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىندۇ.
ئەسلى مەنبە: ئىلكان ئىقتىساد تورى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.