ئالتۇن بازىرى كەسكىن پۇرسەتكە دۇچ كەلدى

gulbostan 2016-12-13 12:33:53

\
خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا 1160دوللار\ ئۇنسىيە بولدى. دۈشەنبە كۈنى دوللار كۆرسەتكۈچى ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى يىغىنى ئېچىلىشتىن بۇرۇن چۈشكەچكە، ھەمدە ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى يۇقىرى ئورۇندىن تۆۋەنلىگەچكە، ئالتۇننىڭ بۈگۈنكى باھاسى 10 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن بولغان 1151.62دوللار \ئۇنسىيە بولۇپ قايتىدىن ئۆرلىدى، ئەڭ ئاخىرىدا باھا 1160 دوللارنىڭ ئۈستىدە بولدى. ئۇنداقتا، بۈگۈن ئۆسۈم قوشۇشتىن كىيىن ، ئالتۇن بازىرىدا يەنە ئالدىنقى يىللىق بازار ئەھۋالى تەكرارلىنامدۇ؟
نۆۋەتتە بازار ئامېرىكا فىدېداتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ سەيشەنبە باشلايدىغان ئىككى كۈنلۈك يىغىنىنىڭ 10 يىلدىن بۇيانقى ئىككىنچى قېتىم ئۆسۈم قوشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى. يىغىننىڭ سىياسي باياناتى بېيجىڭ ۋاقتى12-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت 03:00 تە ئېلان قىلىنىدۇ.
Commonwealth Foreign Exchange نىڭ تەھلىلچىسى Omer Esiner نىڭ ئېيتىشىچە:« ئەگەر ئامېرىك فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى دوللارنىڭ ئۆسۈشىنىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىي ۋە يەر شارى بازىرىغا بولغان تەسىرىنى ئەسكەرتسە، بۇ دوللارغا زور خەتەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.»
ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ دوللارنىڭ ئۆرلىشىدىن شەپە بېرىشىدىن ئەندىشە قىلغانلىقتىن، دوللار كۆرسەتكۈچى ھەپتىنىڭ بىرى چوڭ دائىرىدە تۆۋەنلىگەن، نەق مال ئالتۇن ياۋرۇپا ۋاقىت بۆلىكىدە 1151.65 دوللار \ئۇنسىيە بولۇپ، 10 ئايدىن تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قايتا ئۆرلىگەن.
يەنە بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە:« يىقىنقى مەزگىلدە دوللارنىڭ ئېشىش دائىرىسى كۆرۈنەرلىك ، بولۇپمۇ ترامپنىڭ كۈتۈلمىگەن يەردىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىشى ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتىنىڭ يىغىندىن كىيىنكى باياناتىدا دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە بولغان ئەندىشىسىنى ئىپادىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭدىن سرت، تارىخى يۈزلىنىش يەنە شۇنڭ چۈشەندۈرىدۇكى، دوللار ئامېرىكا فىدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى ئۆسۈم قوشقاندىن كىيىن تۆۋەنلەيدۇ.»

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.