ئالتۇن چۈشۈش پۇرسىتى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش پەيتىدە

hasiyat 2016-11-30 19:23:31

\
ئالتۇن سودىسى يېقىندىن بۇيان چوڭ دائىرىدە تەسىرگە ئۇچرىدى، بىراق توغرا ئۇسۇل شۇكى، كېيىنكى ئىككى ھەپتە ئارلىقىدا تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشقاندىن كىيىنكى باھانىڭ ئۆرلىشىنى كۈتۈش.
سەۋەب شۇكى، ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئۆسۈم قوشقاندىن كىيىن ئالتۇن ئۆسكەن .

تارىخىي سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن ، ئالتۇن ئۆسۈم قوشۇشتىن بۇرۇن چۈشۈپ كەتكەن ، بىراق پايدا نىسبىتىغا ئەگىشىپ بىللە ئۆسكەن.
بۇ ناھايىتى ئاددىي بىر پاكىتقا ئاساس بولىدۇ، يەنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ھەرىكىتى دائىم كەينىدە قالىدۇ .
ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى پۇل پاخاللىقىنى ھېس قىلسا، پۇل پاخاللىقى ئاللىقاچان مەۋجۇت بولغان بولىدۇ، ئەگەر ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومېتىتى كۆپۈك كۆرسە ، كۆپۈك بۇرۇنلا پەيدا بولۇپ بولغان بولىدۇ .

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.