چوڭ تىپتىكى ئىشلارنىڭ زىچ ئۇيۇشىشى خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى شەكىللەندۈردى

hasiyat 2016-11-28 12:35:32

\

-11 ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى ئاسىيا بازىرىدا، ئالتۇن كۈچلۈك ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، ئاساسلىقى بازار خەۋپىدىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇ ھەپتە چوڭ تىپتىكى ئىشلار زىچ توپلاشقان بىر ھەپتە بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە نېفىت ئېكىسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش يىغىن قارارى ۋە ئامېرىكا غەيرىي يېزا-ئىگىلىكى سانلىق مەلۇماتى بىردەك كىشىنىڭ دىققىنى ئۆزىگە تارتىدۇ.
ئالتۇن بەش كۈنلۈك تەكشى سىزىق قارشىلىقىنى بۆسۈپ ئۆتتى
نۆۋەتتە Comex ئالتۇن قەرەللىك مېلى %1.41 ئېشىپ بىر نەچچە كۈننىڭ ئىچىدىكى يۇقىرى نۇقتا 1195 دوللار بولغان. ھەمدە 1200 دوللارلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشكە ئاز قالغان. (OPEC) نىڭ بۇ ھەپتىدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى چەكلەش يىغىنىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كەيپىياتىنىڭ جددىيلىشىشى سەۋەبىدىن خەتەردىن ساقلىنىش كاپىتالىغا بولغان ئېھتىياج ئېشىپ، ئالتۇننىڭ پايدىسى ئۆرلىگەن.
بۇنىڭدىن باشقا يەنە، دوللار ئاساسلىق ئوبوروت قىلىنىدىغان پۇللار بازاردا تەرتىپكە سېلىنىۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ ئالتۇننىڭ ئورنىنى مۇقىملاشتۇرغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.