ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە نىمىلەر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ

zumrat 2016-10-21 13:11:44

\

يىقىندا Seeking Alpha مەخسۇس سودا سەھىپە Individual Trade داڭلىق مالىيە ئىقتىساد مەخسۇس ئاخبارات زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى : ئالتۇننىڭ بازىرى يىڭى باشلانغان مەزگىلىدە، شۇ چاغدىكى قايتۇرما تەڭشەش پەقەتلا كۆپ تەرەپ پايدا ئېلىشتىكى نورمال ھادىسە ئىدى. مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىگەن يۈزلىنىشىنى ئېنىق كۆرەلەيتتى، بەزى بازار قاتناشقۇچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى :<<بۇ يىل يىل ئاخىرىدا، ئالتۇن بازىرى ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشىدۇ.>>پېسسىمىستلار ئادەتتە مۇنداق دەپ قارىدى : <<ئالدىنقى قېتىملىق تۆۋەن نۇقتىسى پەقەت باھا چۈشۈش دەۋرى ئارىلىقتىكى نۇقتا، ئالتۇن باھاسى يەنىمۇ چۈشىدۇ. شۇنداقتىمۇ، بۇ ماقالە ھەرگىزمۇ بۇ پىكىرگە قوشۇلمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، ئەگەر ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى تۆۋەنگە قارىتا بولسا، ئۇنداقتا شۇ ۋاقىت ئىچىدە، تۆۋەنلەش سۈرئىتى ھازىرقىدىن نەچچە ھەسسە تىز بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، 10- ئاينىڭ 7 -كۈنى شەكىللەنگەن تۆۋەن نۇقتا بازار ئېتىراپ قىلغان ئوتتۇرا ھال تۆۋەن نۇقتا بۇلىدۇ، ئۇنداقتا كەلگۈسىدە ئاز دېگەندە يەنە 20 ھەپتىلىك ئۆرلەش ۋاقتى بار، گەرچە بۇ مەزگىلدە جىددىي ئۆرلەش ياكى تۆۋەنلەشنىڭ بولىدىغان يا بولمايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلالمىساقمۇ، لېكىن يەنىلا چوڭ يۆنىلىشتە ئۆسىدۇ.>>
ئاۋال، بۇ بىر نەچچە ھەپتىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى خۇددى بىر قېتىملىق قىسقا ئۆرلەشكە ئوخشاپ ، بۇ قېتىمقى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشىدە ئۆزگەرتىش بار يوقلۇقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئەمەلىيەتتە، ھازىر ئاللىقاچان 5 -ئايدىن باشلانغان 20 ھەپتىگە كىردۇق. شۇنىڭ بىلەن، ئەگەر بازاردا يېقىنقى مەزگىلدە يەنىلا سۇسلىشىش كۆرۈلسە، بۇ مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىگە ئېھتىياجلىق بولىدۇ.
ئەمما، بۈگۈنكى كۈندىكى ئالتۇن باھاسى ئۆتكەن يىلدىكى 9 -ئايدىكىگە ئوخشاش ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىكى مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئىچىدە تۇرماقتا، بازارنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ھازىر بازاردا ۋاكۇئۇم كەيپىياتى يەنىلا ناھايىتى قويۇق بۇلۇپ، بازار كەيپىياتى 5 - ئايدىكى تۆۋەنلەپ چۈشكەنگە ئوخشاش. شۇنداقتىمۇ، 5 - ئاي ئاخىرىدىن 7 - ئايغىچە، ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسى 1250 دوللاردىن 1366 دوللارغىچە ئۆرلىدى. 6 - ئايدا ئەنگلىيە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە كۆپ كۈچ چىقارغان ، 12- نويابىر ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى ئۈتكۈزۈلىدۇ ھەمدە ئىتالىيە ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى كۈتۈۋالىدۇ. ئەمما ھازىر ئالتۇن باھاسى ئوتتۇراھال باھادا تۇرماقتا ، قاچان ئۆسۈش بولىدىغىنى نامەلۇم.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.