ئامېرىكىنىڭ ئۆسۈمنى ئۆستۈرۈش مۆلچەرى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتقان

zumrat 2016-10-17 13:02:00

\

دۈشەنبە 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى ئاساسىي جەھەتتىن ئۆزگەرمىگەن، ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ (FED) يىل ئاخىرىدا ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى يەنىمۇ ئاشقان .

ئامېرىكا 9-ئايلىق ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى PPI نىڭ نەتىجىسى 2014 يىلىدىن بۇيان ئېشىش نىسبىتى ئەڭ چوڭ بولغان ، 9-ئايدا پارچە سېتىش % 0.6 كۆپەيگەن، 8-ئايدا % 0.2 تۆۋەنلىگەن .

ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش نىشانىغا يەتمىگەنلىك ئەھۋالىغا قارىتا باھا بەردى، گەرچە يېلىن بىۋاسىتە ئۆسۈم نىسبىتى ياكى يېقىن مەزگىللىك سىياسەت ئەندىشىسى تەكىتلىمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يېلىن كۆرسەتمىسىدە، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلىدۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ بەزى ئىجابىي تەدبىرلەر ئارقىلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش لازىم بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .

بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشچە، ياپونىيىدىكى پەقەت % 30 ئائىلە پاي چېكى بازىرى مەبلەغ سېلىشتىكى تەجرىبىسى بار بولۇپ، % 80 كىشى خەۋپ - خەتەرنى ئۈستىگە ئېلىشنى خالىمايدىكەن، بۇنىڭدىن ياپونىيە ئۇزاق مۇددەتلىك ئاستا خاراكتېرلىك پۇل قىسلىقى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى ئىنتايىن قىيىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

جۇڭگو 9-ئايدا ئىشلەپچىقىرىش باھا كۆرسەتكۈچى تاسادىپىي كۆپىيىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن بولۇپ، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلارنىڭ باھاسى ئۆسۈشىگە ياردەم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن كارخانا قەرز ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن ئېيتقاندا بىر خۇش خەۋەر بولۇپ قالدى.

ئامېرىكا تاۋار قەرەللىك مال سودا كومىتېتى CFTC ئالدىنقى جۈمە كۈنى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە ، 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە بولغان بىر ھەپتىدە، قوش ئۈزۈلمە فوندى ۋە پۇل باشقۇرغۇچى ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆسۈشىگە سېتىۋېلىش مەبلىغىنى ئازايتتى .

ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئاخىرىغىچە ، يەر شارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن زاپاس فوندى ETF SPDR Gold Trust نىڭ ئالتۇن زاپىسى 0.4%ئېشىپ 965.43ئۇنسىيە بولغان.

جەنۇبىي ئافرىقا دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىستىمال دۆلىتى بولۇپ ، ئالتۇن ئېھتىياجى يۇقىرى. ئاسىيادىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئالتۇن ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشىنى ساقلاپ قالدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.