كەلگۈسىدە ئالتۇندا يەنە قانداق ئۆزگىرىشلەر بۇلىدۇ؟

zumrat 2016-10-06 15:47:45

\

كەلگۈسىدە ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆسۈشى مۇمكىن، ئالتۇننىڭ ئۆسۈشىگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىككى چوڭ ئامىل بولسا، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە پۇل پاخاللىقى. تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەق پۇل ۋە زايومغا مەبلەغ سېلىشىنى تېزلەشتۈرىۋاتىدۇ، ئەكسىچە ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشىنى چىكىندۈرىدۇ؛ لېكىن يۇقىرى پۇل پاخاللىقى نەق پۇل ۋە زايومنىڭ قىممىتىگە زىيان ئەپ كېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئوخشاش قىممەتتىكى پۇلغا سېتىۋالغان مەھسۇلات ئازايدى، دېمەك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىشىغا يىتەكچىلىك قىلدى.
تۆۋەندىكى رەسىم بولسا ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى 10 يىلدىكى زايوم پايدا نىسبىتى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ باھا كۆرسەتكۈچى ھەم شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىنىڭ مۇناسىۋەت گرافىنى، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ، 2016- يىلدىن باشلاپ، ئەمەلىي ئۆسۈم(كۆك سىزىق) ئىزچىل چۈشكەن، ھەمدە 2016 يىلدىكى ئالتۇننىڭ(قىزىل سىزىق) شەكىللىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
Seeking Alpha سەھىپىسىنىڭ يازغۇچىسى كاتچىم مۇنداق دەپ قارايدۇ،ئالتۇن باھاسىنىڭ بازاردىكى ئەھۋالى مۇكەممەل. كەلگۈسىدە پۇل پاخاللىقى ئىشىپ ئالتۇن باھاسىنى ئۆرلىتىۋېتىش ئېھتىمالى بار، بۇنىڭ بىرىنچى ئامىلى مائاشنىڭ ئۆسۈشى.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ 11- ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان زۇڭتۇڭ سايلىمى يېتىپ كىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مۇبادا تىرامپ زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلىنىپ قالسا ئالتۇن قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى تىرامپ قوللانغان سىياسەت (مەسىلەن تاموژنا سىياسىتى قاتارلىقلار) ئامېرىكىنىڭ ئاساسى ئىقتىسادى تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچرايدۇ دەپ قارىلىدۇ. شۇنداقلا مەبلەغ سالغۇچىلارمۇ ئەنگىلىيەنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن چىكىنىپ چىقىشىغا كۆز تىكمەكتە، بۇ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماي يەنە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. 12- ئايدىكى ئىتالىيە ئۇمومىي مەبلەغچىلىكىمۇ بەلكىم بۇ <قارا بوران > غا ئۇچراپ، ئالتۇن قاتارلىق خەتەرلىك بۇيۇملارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.