بۈگۈنكى ئالتۇن باھاسى 1338دوللار ئەتراپىدا بولدى

gulbostan 2016-08-23 10:55:24

\

بۈگۈن خەلىقئارالىق ئالتۇننىڭ باھاسى ھەر ئۇنسىيەسى 1338دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. تۆنۈگۈن ئامېرىكا فېدىراتسىيە ئەمەلدارىنىڭ ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئۈمىدۋار كۆز قارىشى بۇ يىل يىل ئاخىرىدىكى ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دوللارنىڭ ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، شۇ بىر كۈنلۈك ئالتۇن باھاسى 1331دوللارغا تۆۋەنلەپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن قىممەتكە چۈشتى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتى ئامېرىكىنىڭ 7-ئايلىق يېڭى ئۆي سېتىش ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتىدا بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.