كۈمۈشنىڭ ۋاقتىنچە تىجارەت توختىتىش ئۇقتۇرىشى

gulbostan 2016-06-30 16:50:17

\

ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار ۋە خېرىدارلار سەمىگە:
جىلىن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئالماشتۇرۇش مەركىزى يېقىندا كۈمۈشنىڭ ھېساپ ئۈزۈش شەكلىنىڭ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكچى. دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، سودا ئالماشتۇرۇش مەركىزى تۆۋەندىكىدەك قارارنى چىقاردى:
2016-يىلى7-ئاينىڭ11-كۈنىدىن (دۈشەنبە) باشلاپ بارلىق كۈمۈش مەھسۇلاتلىرىغا نىسبەتەن يېڭى ئسكىلات قۇرۇش توختىتىلىدۇ.
2016-يىلى7-ئاينىڭ15-كۈنى(يەكشەنبە)بازار تاقىلىشتىن بۇرۇن بارلىق خېرىدارلار قولىدىكى كۈمۈشنى چوقۇم سېتىپ چىقىرۋېتىشى كېرەك، سېتىپ چىقىرىلمىغان كۈمۈشنى بولسا شۇ كۈنى بازار تاقالغاندىن كېيىن ئاپتوماتىك سېتىپ چىقىرۋېتىلىدۇ.
خېرىدارلار ۋە ئەزا ئورۇنلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قولىدىكى كۈمۈشنى سېتىپ چىقىرىشى كېرەك، ئەگەر ۋاقتىدا سېتىپ چىقارمىسا كېلىپ چىققان زىيانغا شۇ خېرىدارلار ۋە ئەزا ئورۇنلار ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ. شۇڭا ھەر قايسى خېرىدارلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە قولىدىكى كۈمۈشنى سېتىپ چىقىرىشى ھەمدە مەبلىغىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئالاھىدە ئۇقتۇرۇش قىلىندى

جىلىن كۆممىقۇناق مەركىزى توپ تارقىتىش بازىرى
2016-يىلى6-ئاينىڭ30-كۈنى

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.