تۈركىيەدە ئالتۇن باھاسى ئۆستى

sayibjamal 2016-05-30 16:09:44

\

FX168 خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن باھاسى ئۆرلىدى، بىراق ئېھتىياج يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز ھالەتتە تۇرۋاتقان بولۇپ، تۈركىيە لىراسى قىممىتىنىڭ چۈشۈشى تۈركىيە ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.
تۈركىيە دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن باھاسى بۇرۇنقى ئۆسۈم ھالىتىدىن بىر دوللار/ئۇنسىيە سەۋىيسىگە ئۆرلىدى.
تۈركىيە دۇنيا بويىچە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئالتۇنغا ئېھتىياجلىق دۆلەت بولۇپ، 2013-يىلى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئالتۇن ئېھتىياجىغا تۈرتكە بولغان، بىراق 2015-يىلى لىرانى ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىكى باھاسى ئۆرلىگەندىن كېيىن، بىر چوڭ ئالتۇن سودا دولقۇنى كۆتۈرۈلدى، كۆپ ساندىكى مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە ئىستىمالچىلار قولىدىكى ئالتۇننى ساتتى، ئالتۇننى قايتۇرۇپ ئېلىش ئېھتىياجى يۇقىرى بولغانلىقتىن شۇ يەدىكى ئاساسلىق ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئورۇنلار 24 سائەت ئىشلەپمۇ يەنىلا ئالتۇن پىششىقلاپ ئىشلەش ئېھتىياجىنى ناھايتى تەستە قاندۇردى.
ئېنىقلىنىشىچە، ھازىر تۈركىيە بازارلىرىدىكى ئالتۇن قايتۇرۇپ ئېلىش مىقدارى يەنىلا ناھايتى كۈچلۈك بولۇپ، بىر جەھەتتىن ئامېرىكا دوللىرىنى ئالتۇنغا سۇندۇرۇپ ھېسابلىغاندىكى باھاسى يۇقىرى، يەنە بىر جەھەتتىن لىرانىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.