ئالتۇن باھاسى داۋاملىق تۆۋەنلەپ ئۈچ ھەپتە ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشتى

karima 2016-05-24 16:06:59

\

سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن بازىرى داۋاملىق چۈشۈپ، ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا يېقىنلاشتى، ئالتۇن باھاسى يەنىلا 1250 دوللارنىڭ تۆۋەنكى نۇقتىلاردا تەۋرەندى.

دوللارنىڭ كۈچىيىشى 5-ئايدىن بۈگۈنگە قەدەر ئالتۇن باھاسى %3.6 تۆۋەنلىدى، بۇ 11-ئايدىن بۇيان ئىپادىسى ئەڭ ناچار بولغان بىر ئاي بوپ قېلىشى مۇمكىن. ئالدىنقى ھەپتىلىك ئامېرىكا فېدراتىسيسى ئۆسۈم قارار يىغىنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان، ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئېشىشى ئالتۇن بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە بېسىمغا ئۇچرىشىنى كۆرسەتتى، بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدراتىسيە ئەمەلدارلېرى ۋەتەنپەرۋەرلىك پوزىتسىيسىدە بولۇپ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئالتۇن باھاسىغا يەنە بىر قەدەم بېسىمغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

فىلادېلفىيە فېدراتىسيە رەئىسى Patrick Harker دۈشەنبە كۈنى ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا فېدراتسىيسى بۇ يىل 2-3 قېتىمغىچە ئۆسۈم قوشۇشى مۇمكىن دەپ بىلدۈردى.

سان لۇئىس فېدېراتسىيە رەئىسى James Bullard نىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېىتىشىچە، ئامېرىكا ئۆسۈم نىسبىتى ئۇزۇن مەزگىل تۆۋەن نۇقتىدا تۇرۇشى ئېھتىمال پۇل مۇئامىلىنىڭ تۇراقسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بازار ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنىڭ ئېشىشى " ئېھتىمال ياخشى ئىش"

شىۋىتسارىيە بانكىسى مەبلەغ باشقۇرۇش (UBS Wealth Management) تەھلىلچىسى Dominic Schneider ئىپادە بىلدۈرۈپ: " كەلگۈسى ئىككى ھەپتىدە، ئەگەر ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى كۈچىيىپ، ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش تەييارلىقى پۈتتى، 7- ئاي بولسا ئەڭ تېز بولغان ئۆسۈم قوشۇش پۇرسىتى، مېنىڭ قارىشىمچە ئالتۇن باھاسى بىر ئاز تەڭشىلىش ئېلىپ بارىدۇ." دەپ كۆرسەتتى.

Schneider يەنە ئىپادە بىلدۈرۈپ: " مېنىڭ قارىىشمچە كەلگۈسى بىر ئىككى ئايدا ئالتۇن باھاسى ئېھتىمال 1200 دوللاردىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن."

بۇ ھەپتە جۈمە كۈنىدىكى يېللىننىڭ سۆزى بازار دىققەت نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

INTL FCStone تەھلىلچىسى Edward Meir دوكلاتىدا ئېيتىشىچە:" ئەگەر ئامېرىكا فېدراتسىيسى ئۆسۈم قوشۇش سىگنالى چىقارسا، ئۇنداقتا جۈمە كۈنىدىكى يېللىننىڭ سۆزىدىن سىگنال چىقىدۇ، بۇ بازارنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى تېخىمۇ ئېنىق قىلىدۇ."

نۆۋەتتە بازار 6-ئايدا ئامېرىكا فېدراتسىيسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئېھتىمال %35 ئەتراپىدا بولۇشى مۇمكىن.

دۈشەنبە كۈنى SPDR ئالتۇن ETF داۋاملىق ئېشىپ ، ئومۇمىي زاپاس مىقدارى 872.52 توننا بولدى.


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.