ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىدىكى 5 چوڭ ئامىل ۋە ئۆسۈشىدىكى 7 چوڭ ئامىلى

zumrat 2015-03-09 20:30:30
  • \


    Dundee Capital Markets نىڭ ئىقتىسادشۇناس Martin Murenbeeld ئالتۇن باھاسىنىڭ 2015 - يىلى چۈشۈشىدىكى 5 چوڭ ئامىلنى 7 چوڭ ئۆسۈش ئامىلىنى كۆرسىتىپ بەرگەن . چۈشۈش ئامىلى : ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشى ، دوللارنىڭ كۈچلۈك بولغان ئىپادىسى ، پۈتكۈل دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئاجىزلىشىشى ،ئۆلچەملىك 500 پور سىزىقىنىڭ كۈچلۈك ھالىتى ، ETF ئالتۇن سىزىقى قاتارلىقلار . ئۆسۈش ئامىلى : ھەرقايسى بانكىلارنىڭ ئالتۇن سېتىۋېلىشى ، پۈتكۈل دۇنيادىكى دۆلەت قەرز كرىزىسى ، دوللار مۆلچەر قىممىتىنىڭ ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولىشى ، يەرلىك سىياسەت ۋە پۇل مۇئامىلە كرىزىسى ، ئالتۇن ETF ئېھتىياجى ۋە تاۋار دەۋرلىنىش ۋاقتى قاتارلىقلار. Martin Murenbeeld ئالتۇن باھاسىغا بولغان 3 خىل مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ، بىرىنچىسى ئالتۇن باھاسى چۈشۈش ئامىلنىڭ تەسىرىدە 1080 دوللار ئەتراپىدا بولىشى مۇمكىن ، ئىككىنچىسى ئوتتۇرا مەزگىلدە 1240 دوللار ئەتراپىدا ، ئۈچىنچىسى پايدىلىق ئامىلنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى 1355 دوللار ئەتراپىغا كېلىشى مۇمكىن دەپ كۆرسەتتى . ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۆلچەرى 1255 دوللار ئەتراپىدا بولدى .

    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.