ئالتۇن باھاسى 1075 دوللاردىن ئېشىپ كەتسە قايسى نۇقتىغا كېلىشى مۇمكىن؟

zumrat 2015-12-01 19:06:37

\


سەيشەنبە 12-ئاينىڭ 1-كۈنى ئاسىيا ياۋروپا سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1074 دوللارغا چىققان، نۆۋەتتىكى باھاسى 1070 دوللار ئەتراپىدا، دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان.
گېرمانىيە سودا بانكىسى (Commerzbank) نىڭ تەھلىلچىسى دۈشەنبە 11-ئاينىڭ30-كۈنى دوكلاتىدا كۆرسىتىشىچە، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئالتۇن بازىرىغا چوڭ تەسىر ئېلىپ كەلمەكتە، دوللارنىڭ يېقىنقى ۋاقىتتا چوڭ دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلىشى، ئالتۇن بازىرىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، ئالتۇن بازىرى 12-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى ئۆسۈم قارار يىغىنىدىن بۇرۇن يۇقىرىقى چوڭ بېسىملارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. پەيشەنبە كۈنىدىكى ياۋروپا مەركىزى بانكا ئۆسۈم قارار يىغىنى ئالتۇن بازىرىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمەسلىكى مۇمكىن دەپ قارىغان.
FXStreet نىڭ تەھلىلچىسى Omkar Godbole نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئالتۇن باھاسىنىڭ 1070 دوللادىن يۇقىرى نۇقتىغا چىقىشى، جۇڭگو PMI سانلىق مەلۇماتى مۆلچەردىن تۆۋەن چىققانلىقى تەسىر كۆرسەتكەن، نۆۋەتتە ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆنىلىشىدە 1075 دوللاردىكى نۇقتىدا بۆسۈش كۈچى بار، ئەگەر بۇ نۇقتىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ كەتسە 1085.4 دوللاردىكى نۇقتىغا كېلىشى مۇمكىن، چۈشۈش يۆنىلىشىدىكى تىرەش نۇقتا 1071 دوللار ۋە 1067 دوللار دەپ كۆرسەتتى.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.