ئالتۇن باھاسىنىڭ يۆلىنىشىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ئۇچۇر

zumrat 2015-03-04 17:46:13
  • \


    ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئىككى كۈن چۈشۈش ھالىتىنى كۆرسەتكەندىن كېيىن ، چارشەنبە كۈنى باھا يۆلىنىشىدە ئازراق يۇقىرى ئۆرلەش ھالىتى كۆرۈلدى ، دوللارنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى ، بىراق بازار ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ۋە ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىنىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتىۋاتقانلىقى سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى يەنىلا تەۋرىنىشى چوڭ بولمىدى . بۈگۈن كەچ ئامېرىكا كىچىك غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى بولغان ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش مەلۇماتى ئېلان قىلىنىدۇ ، ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇمات نەتىجىسى ياخشى چىقسا ، جۈمە كۈنى ئېلان قىلىدىغان ئامېرىكا 2 - ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتىمۇ ياخشى چىقىشى مۇمكىن ، بۇنداق بولغاندا دوللارغا پايدىلىق بولۇپ ئالتۇن كۈمۈش باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن .
    سەمىمىي ئەسكەرتىش

    مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.