ئالتۇن باھاسى قايتا بېسىمغا ئۇچرىشى مۇمكىن

ilkan_5 2026-09-01 18:35:10

\

ئانالزىچىلارنىڭ قارىىشچە، بۇ قېتىمقى تۈزىتىش يەككە-يېگانە ۋەقە ئەمەس ئىكەن، بەلكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ گىرەلىشىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەن. ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ ئۆرلىشى ۋە پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنىڭ قايتا ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىنى باسىدىغان يادرولۇق كۈچكە ئايلانغان. ۋۇشنىڭ دېگەن ھەر بىر سۆزى كېيىنكى ئۆسۈم ئۆستۈرۈش نشىانىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلىپ بەرگەن . Stone X يۇقىرى دەرىجىلىك بازار تاكتىكىچىسى Daniel Pavilonis مۇنداق كۆرسەتكەن:ئېنېرگىيە باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە خام نېفىت ئامبار زاپىسىنىڭ تۆۋەنلىشى پۇل پاخاللىقى كۆزلىمىسىنى ئۆرلىتىۋەتتى، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى سىجىل ئۆرلىدى، دوللارمۇ يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيە ئەتراپىدا ساقلاندى. بۇ ئامىللار ئالتۇندىن ئىبارەت بۇ ئۆسۈمسىز مۈلۈكنى پايدىسىز مۇھىتقا دۇچار قىلدى. گەرچە دوللار پېرېۋوت نىسبىتىدە يېنىك دەرىجىدە تۈزىتىش كۆرۈلگەن بولسىمۇ، ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلىدى.لېكىن ئومۇمىي كەيپىيات ئۈمىدۋارلىقتىن ئېھتىياتچانلىققا ئۆزگەرگەن.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.