ئالتۇن باھاسى نېمىشقا تۇيۇقىسز ئۆزگەردى؟

ilkan_5 2026-08-31 17:31:43

\

8-ئاينىڭ 31-كۈنى دۈشەنبە، نەق مال ئالتۇن نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4445 دوللار ئەتراپىدا ئىككىلىنىش ھالىتىدە تۇرغان بولۇپ، بۇ ئالدىنقى جۈمە كۈندىكى تېز سۈرئەتتە چېكىنىش يەككە خەۋپتىن ساقلىنىش لوگىكىسىنىڭ كۈچتىن قېلىشى بولماستىن، بەلكى بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت ئىنكاس فۇنكسىيەسىنى قايتا باھالىشىدۇر يەنى :پۇل پاخاللىقى يەنىلا نىشاندىن يۇقىرى بولۇپ، قىسقا مۇددەتلىك پايدا نىسبىتى ئۆرلەپ، 9-ئايدا ئۆسۈم قوشۇپ باھا بېكىتىش كۆرۈنەرلىك ئۆرلىگەن، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىككى دۆلەت ۋەزىيىتى يەنە بىر قېتىم جىددىيلىشىپ، ئېنېرگىيە باھاسىنى يەنە ئۆرلىتىپ، ئالتۇننى بىرلا ۋاقىتتا خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجى بىلەن ئەمەلىي ئۆسۈم نىسبىتى بېسىمىدىن ئىبارەت ئىككى قارشى كۈچكە دۇچار قىلغان. ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى كېۋىن ۋوش 8-ئاينىڭ 28-كۈنىدىكى سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىگەن:% 2 لىك پۇل پاخاللىقى نىشانى ئېنىق ھەم مۇقىم،ھەمدە مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئەگەر ئاساسىي پۇل پاخاللىقىنىڭ «ئېنىق ھەم يېتەرلىك تېز»سۈرئەتتە نىشانغا قايتىۋاتقانلىقىنى جەزملەشتۈرگىلى بولمىسا، سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ يەنىلا ئىشلەيدىغان خىزمىتى بار. تېخىمۇ مۇھىمى، ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆزىنىڭ ۋەدە بەرگىنىنىڭ مەلۇم بىر تۈرلۈك قارار بولماستىن، بەلكى ئىنتىزام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى، شۇڭا سۆزىنىڭ ئۆزىدە 9-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشكە بىۋاسىتە ۋەدە بېرىلمىدى، بازارنى ھەقىقىي ئۆزگەرتكىنى سىياسەت بوسۇغىسىنىڭ ئۆسۈشى بولدى. ھازىر فېدېراتسىيە فوندىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى نىشان دائىرىسى يەنىلا % 3.50 تىن % 3.75 كىچە بولۇپ، 7-ئايدىكى يىغىندا ئۈچ ئەزا 25 ئاساس نۇقتا ئۆستۈرۈشنى قوللىغان.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.