ئالتۇن باھاسى قايتا-قايتا 4000دوللارلىق ئۆتكەلنى تالاشماقتا

ilkan_5 2026-08-03 17:18:57

\

ئالدىنقى ھەپتە خەلقئارا ئالتۇندا ئومۇمىي جەھەتتىن قايتا-قايتا داۋالغۇپ تۇرىدىغان ھەرە بازىرى ھالىتى كۆرۈلگەن بولۇپ، بازاردا ئۇزۇن ۋە قىسقا مۇددەتلىك ئېلىشىش ئىنتايىن كەسكىن، ئومۇمىي يۈزلىنىشى چىگىش ھەم ئېنىق يۆنىلىش كەمچىل بولغان.

ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشى، پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى ۋە بازارنىڭ تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىشىغا تايىنىپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4000 دوللارلىق ئاچقۇچلۇق پىسخىكا ۋە تېخنىكا تىرىكى ئورنىنى مەھكەم ساقلىغان. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆپ خىل پايدىسىز ئامىللار ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆرلەش بوشلۇقىنى سىجىل بېسىمغا ئۇچرىتىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشقا مايىل ئۆسۈم نىسبىتى قارارى، ئامېرىكا زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى سىجىل قايتا ئۆرلىگەن، بۇنىڭغا نېفىت باھاسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان پۇل پاخاللىقىنىڭ قايتا-قايتا ئەندىشىسى قوشۇلۇپ، كۆپ خىل بېسىم رېزونانىسى ئالتۇننى باشتىن-ئاخىر ئارىلىقتىكى كىشەندىن بۆسۈپ ئۆتەلمەيدىغان، ئېنىق بولغان ئۆرلەش يۈزلىنىشىنى ئاچالمايدىغان قىلىپ قويغان.

پۈتۈن ھەپتىلىك يۈزلىنىشكە نەزەر سالساق، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشى ۋە چۈشۈشى تېز سۈرئەتتە ئالمىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ھەپتىلىك سىزىق كىچىك كۆلەمدە ئاجىزلاپ، تىپىك بولغان يۇقىرى پەللىدە داۋالغۇپ رەتلەش ۋەزىيىتى كۆرۈلگەن. ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھازىرقى ئالتۇن باھاسىنىڭ يۈزلىنىشى پۈتۈنلەي ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى كۆزلىمىسىدىكى داۋالغۇشنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ، قىسقا مۇددەتلىك خەۋپتىن ساقلىنىش خۇسۇسىيىتى بىلەن پۇل پاخاللىقىغا تاقابىل تۇرۇش خۇسۇسىيىتىنىڭ ئالمىشىشى ئىناۋەتسىز بولۇپ، بازار ئەھۋالى ماكرولۇق كەيپىياتقا پۈتۈنلەي ئەگىشىپ ئۆزگىردىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.