ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ قايتا تۆۋەنلىدى

ilkan_5 2026-07-16 17:59:15

\

7-ئاينىڭ 16-كۈنى پەيشەنبە كۈنى، نەق مال ئالتۇن ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتىنىڭ تۈرتكىسىدىكى قىسقا ۋاقىت ئۆرلەشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن قايتىدىن تۆۋەنلەپ، ھازىر ھەر ئۇنسىيەسى 4030 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان، ئۆتكەن بىر ئايدا ئالتۇننىڭ باھاسى جەمئىي تەخمىنەن % 7 چېكىنگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن يەنىلا تەخمىنەن % 20 يۇقىرى بولغان. ھازىرقى بازاردىكى يادرولۇق زىددىيەت نوقۇل ھالدا خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنىڭ كۈچلۈك-ئاجىزلىقى بولماستىن، بەلكى رايون توقۇنۇشى ئېنېرگىيە باھاسىنى ئۆرلىتىۋەتكەندىن كېيىن، پۇل پاخاللىقى، ئۆسۈم نىسبىتى ۋە ئوبوروت كۆزلىمىسىگە قارىتا پەيدا بولغان ئىككىنچى قېتىملىق زەربە ھېسابلىنىدۇ. 6-ئايدا ئامېرىكا ئىستېمالچىلار باھا كۆرسەتكۈچى ھالقىسىمان سېلىشتۇرما % 0.4 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى 5-ئايدىكى % 4.2 تىن % 3.5 كە تۆۋەنلىگەن.يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيەنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى يادرولۇق كۆرسەتكۈچنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى تەكشى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش نىسبىتى % 2.9 تىن % 2.6 كە تۆۋەنلىگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇرالغۇ تەننەرخىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما نىسبىتى ئاران % 0.1 ئۆرلەپ، 2021-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ كىچىك ئېشىش نىسبىتى بولۇپ، مۇلازىمەت پۇل پاخاللىقىنىڭ يېپىشقاقلىقىدا ماھىيەتلىك پەسىيىشنىڭ كۆرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن.

ئىشلەپچىقىرىش ئۇچىدىكى سانلىق مەلۇماتلارمۇ ئوخشاشلا بىرقەدەر ئاجىز بولغان. 6-ئايدا ئەڭ ئاخىرقى ئېھتىياجلىق ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتى % 0.3 تۆۋەنلەپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.5 ئاشقان؛ تاۋار باھاسى % 1.4 تۆۋەنلىگەن، ئېنېرگىيە باھاسى % 6.4 تۆۋەنلىگەن، بېنزىن باھاسى % 12 تۆۋەنلىگەن، ھالبۇكى مۇلازىمەت باھاسى يەنىلا % 0.2 ئۆرلىگەن. ئىستېمالچىلار باھاسى بىلەن ئىشلەپچىقارغۇچىلار باھاسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا بىرلەشتۈرگەندە، بازار يادرولۇق شەخسىي ئىستېمال چىقىمى باھا كۆرسەتكۈچىنىڭ ھالقىسىمان سېلىشتۇرما ئېشىش نىسبىتىنىڭ % 0.2 كە يېقىنلىشىشى مۇمكىنلىكىنى مۆلچەرلىگەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.