ئالتۇننىڭ تېخنىكىلىق يۈزلىنىش ئانالىزى

ilkan_5 2026-07-08 18:08:53

\

كۈندىلىك سىزىق قۇرۇلمىسىدىن قارىغاندا، ئالتۇندا يېقىنقى مەزگىلدە يۇقىرى پەللىدە تەڭشىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن بولۇپ، باھا بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كۈچلۈك ئۆرلەش رايونىدىن تۆۋەنلىگەن، نۆۋەتتە ئۆرلىگەندىن كېيىنكى تېخنىكىلىق تۈزىتىش باسقۇچىغا تەۋە. ئومۇمىي يۈزلىنىش يەنىلا ئارىلىقتا داۋالغۇش ئەندىزىسىدە تۇرۇۋاتىدۇ، لېكىن قىسقا مۇددەتلىك قۇۋۋەت سەل ئاجىزلىغان بولۇپ، MACD كۆرسەتكۈچىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆسۈش تەرەپلىك كۈچ تارىيىشقا باشلىغان بولۇپ، باھانىڭ تۆۋەنلىشى بىر قىسىم مەبلەغنىڭ خەۋپ-خەتەرنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن. ھازىر يۇقىرى تەرەپتە 4150 دوللار ئەتراپىدىكى بېسىم رايونىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىنىۋاتقان، ئەگەر بۇ ئورۇندىن قايتىدىن بۆسۈپ ئۆتسە، ئالتۇننىڭ باھاسى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 4200 دوللار ئۆتكىلىنى سىناپ بېقىشى مۇمكىن؛ تۆۋەندىكى تىرەك 4050 دوللار ئەتراپىغا دىققەت قىلىنىدىكەن، ئەگەر بۇ رايوندىن چۈشۈپ كەتسە،يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا 4000 دوللارلىق پۈتۈن سان ئۆتكىلىدىن تىرەك ئىزدىشى مۇمكىن ئىكەن.

تۆت سائەتلىك دەۋرىيلىكتىن قارىغاندا، ئالتۇننىڭ قىسقا مۇددەتلىك لىنىيەسىدە داۋالغۇش، ئاجىزلىشىش قۇرۇلمىسى كۆرۈلگەن، باھا قىسقا دەۋرىيلىك ئوتتۇرا سىزىقنىڭ بېسىمىغا ئۇچراپ، بازارنىڭ سېتىۋېلىش كۈچى سەل تۆۋەنلىگەن بولۇپ RSI كۆرسەتكۈچى يۇقىرى پەللىدىن تۆۋەنلەپ، قىسقا مۇددەتلىك كۆپ ساندىكىلەرنىڭ قىزغىنلىقىنىڭ پەسەيگەنلىكىنى كۆرسەتكەن، لېكىن تېخى كۆرۈنەرلىك ئارتۇق سېتىش رايونىغا كىرمىگەن. ئەگەر ئالتۇننىڭ باھاسى 4050-4100 دوللار رايونىنى ساقلاپ قالالىسا ھەمدە قايتىدىن 4120 دوللارنىڭ ئۈستىدە چىڭ تۇرالىسا، قايتا ئۆرلەش بوشلۇقى قايتىدىن ئېچىلىشى مۇمكىن ئىكەن.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.