ئالتۇن باھاسى 2027-يىلى ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى ساقلايدىكەن

ilkan_5 2026-06-05 17:40:32

\

گەرچە گېرمانىيە سودا بانكىسى يېقىنقى مەزگىللىك نىشاننى تۆۋەنلەتكەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئالتۇننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستىقبالىدىن كۈچلۈك ئۈمىدۋار بولغان بولۇپ، بۇ بانكا 2027-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ 5200 ئامېرىكا دوللىرى بولۇشىنى ساقلاپ قالغان.
Fritsch مۇنۇلارنى تەكىتلىگەن:ئالتۇنغا تىرەك بولىدىغان قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئامىللار يەنىلا پۈتۈنلەي مەۋجۇت. بۇ ئامىللار مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:بازارنىڭ دوللارنىڭ زاپاس پۇل بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىشەنچىسىنىڭ خورىشى، ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ سىجىل ئالتۇن سېتىۋېلىشى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ قەرز سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشى.
ئۇ مۇنلارنى بىلدۈرگەن:«مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزىقىشى يۇقىرى پەللىنى ساقلىشى مۇمكىن. بۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قەرز سەۋىيەسىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى بولۇشى ھەم تېز سۈرئەتتە ئۆرلىشىنىڭ تىرەك بولۇشىغا ئۇچرىغان؛ پۇل پاخاللىقى نۇقتىسىدىن ئۆلچىگەندە، بۇ، پۇل سىياسىتىنىڭ زىيادە كەڭ قويۇۋېتىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ».
بازار تەسىرى جەھەتتىن قارىغاندا، ئۇ مۇنداق قارىغان:نۆۋەتتىكى تۈزىتىش باھاسىنىڭ يەنىلا ئالتۇندىن كېيىنكى 2026-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى 4800 دوللارلىق نىشاندىن خېلىلا تۆۋەن ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئەگەر نېفىت باھاسىنىڭ قوزغىتىش بېسىمى يېنىكلىسە، كەلگۈسى بىر نەچچە ئايدا ئالتۇن باھاسىدا يەنىلا ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچى مەۋجۇت بولىدۇ.
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.